ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-05-25
Share
ilshat-hesen-guwahliq-yighin.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەكىلى ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. 2016-يىلى 24-ماي، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 24-ماي كۈنى چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە تەنقىد پىكرى سۇنغان زاتلارنى جازالاشتىن، ھازىر خىتاي چېگراسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشكە ھالقىغانلىقى، خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىلى ئېلشات ھەسەن ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە خۇسۇسىي گۇۋاھلىق بېرىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئېكسكۇرسىيە مەركىزىدە چاقىرىلغان «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن بۈگۈنگە قەدەر تەنقىدچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش يولىدا كۆرسىتىلگەن دۇنياۋى ئۇرۇنۇشلار» ماۋزۇسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋە ئالاقىدار پارلامېنت ئەزالىرى جانلىق پاكىتلار ھەمدە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خىتاي سىياسىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن يەنە بىر يۈزىنى نامايان قىلدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىس ئالدى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا 1989-يىلى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنى «قارا تىزىملىك» كە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، شۇنداقلا ماددىي بايلىقنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆزىگە تارتىش يوللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، خىتاي چېگراسىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەردىن تاكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىغا قەدەر دۇنياۋى مىقياستا ھەممىلا جايغا قول سوزۇۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا تايلاند ۋە كامبودژانى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ۋە خىتاي تەۋەسىدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاندىن پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىئۇ خىتاينىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قولى ئارقىلىق خىتايغا قوشنا جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە خىتايدىن قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا جۈملىدىن بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا دارامسالادا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرادىن ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا بولسا يەنىلا شۇ خىتاينىڭ «ئۇزۇن قولى» بارلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىلىرىدىن گۇي مىنخەينىڭ قىزى ئەنجېلا گۇي گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ دادىسىنىڭ ھازىرغىچە شىۋېتسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ پىسەنت قىلماستىن 2015-يىلى ئۆكتەبىردە دادىسىنى تايلاندتىكى ئۆيىدىن مەخپىي قولغا ئالغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە دادىسىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، جۈملىدىن مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيىسىدە «توۋا قىلىش» مەقسىتىدە ئېيتقان «مەن شىۋېتسىيە پۇقراسى بولساممۇ، مېنىڭ يۈرىكىم يەنىلا خىتايغا تەلپۈنىدۇ» دېگەندەك بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي پىكرى سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر نامايىشلار، يىغىنلار ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تەنقىدلەش تېمىسىدىكى كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۈرلۈك زىيانكەشلىك، تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىغىمۇ يول قويماي ئۆزلىرىنى ئون نەچچە يىللىق جۇدالىققا مۇپتىلا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ھەسەن سۆزىنىڭ داۋامىدا 2014-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئاچىسىنى قولغا ئالغانلىقىنى، خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئاكتىپ تېمىلاردىكى رادىئو خەۋەرلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە رابىيە خانىمنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ، رابىيە خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئانىسىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار يىغىن ئەھلىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.

ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىكلەردىن ھالقىپ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قەدەر بېرىپ يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قوللىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ھىندىستاندىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ھىندىستان ۋىزىسىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ھەسەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاللىقاچان مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن بەزى ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن بۇ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەرقاچان نامەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى رەزىل قىلمىشلىرىنى توسۇشقا تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق ‏-تۇغقانلىرىنى پاراكەندە قىلىش ھەمدە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بېسىم ئىشىلىتىش قىلمىشىنىڭ خىتاينىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئادۋوكات تېڭ بياۋ، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سۇ يۈتۇڭ قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىدىكى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى بېسىمى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ھەرساھە كىشىلىرى ۋە ئالاقىدار شەخسلەر قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت