2016-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋاشىنگتوندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بېرىلگەن 2016-يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەخسۇس تېمىدىكى مەزكۇر سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش ھاياتى، تەجرىبە-ساۋاقلىرى ۋە شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
سوئال: ھۆرمەتلىك دولقۇن ئەپەندى، 30-مارت سىز «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ 2016-يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە خەۋەر بېرىلدى.مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى سىزنى «تېررورچى» تىزىمىغا كىرگۈزۈپ ئىسمىڭىزنى ئىنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچىغا تاپشۇرغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دەل ئامېرىكىغا كەلگەن كۈنى سىزنىڭ ۋاشىنگتوندا «ئەركىنلىك مېدالى» تاپشۇرۇپ ئېلىشىڭىز ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ خەلقئارالىشىشى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتى 2003-يىلى مېنى «تېررورچى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ دۇنياغا ئېلان قىلدى. شۇندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك قاناللىرىغا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى، جۈملىدىن مېنىڭ پائالىيەتلىرىمنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا دۇنيانىڭ سىياسىي پايتەختى بولغان ۋاشىنگتوندا، يەنى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا كېلىدىغان كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمەن. دېمەككى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى، جۈملىدىن مېنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن ئەيىبلەپ، بىزنىڭ ھەقلىق دەۋايىمىزنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش سۇيىقەستىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالى دەپ ئويلايمەن. دېمەك، خىتاينىڭ بىزگە قارشى سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىبارسىز قالغانلىقىنىڭ، ئەكسىچە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا بولۇپ تونۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ چۈشىنىمەن.
سوئال: مەلۇمكى، سىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىڭىز 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىگىزدە باشلانغان. سىز بۈگۈن 30 يىلدىن ئارتۇق بۇ جەرياننى ئەسلىگىنىڭىزدە نېمىلەرنى يوقىتىپ، يەنە نېمىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تىلغا ئالالايسىز؟
جاۋاب: 1985-يىلى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ ھېسابلىسام، 31 يىللىق بۇ ۋاقىت مۇساپىسىدە ئىمكانىيىتىم يار بەرگەن دائىرىدە يىقىلىپ-قوپۇپ يۈرۈپ بۇ دەۋانىڭ ئىچىدە بولۇپ كەلدىم. مەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقىلى 23 يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دەۋاسى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى بارلىق سەپداشلىرىمغا ئوخشاش مەنمۇ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىم ئۆتكەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ۋەتەننى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى، ئاتا-ئانامنى يوقاتتىم. ئۇندىن باشقىمۇ يوقاتقان نەرسىلىرىمىز كۆپ بولدى. ھالبۇكى، ۋەتەندە ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى ۋە قانلىرىنى بېرىۋاتقان ئىنسانلار بار. مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز قاراڭغۇ زىندانلاردا يېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يوقاتقانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئاراغا ئاڭلىتىلىشى ۋە تونۇلۇشى ئۈچۈن ھەممىمىز قولىمزدىن كېلىشىچە تىرىشتۇق، ھېلىھەم تىرىشىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ جەھەتتە ئاز تولا نەتىجە يارىتىلدى دېيىلسە، ئۇ چاغدا بۇنىڭغا بىز ئۆزىمىز ئەمەس، پەقەتلا خەلقىمىز باھا بېرەلەيدۇ.
سوئال: 2003-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنى «تېررورچى تىزىمى» گە كىرگۈزگەندىن بۇيان، سىزنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىڭىزنى توسۇش يولىدا قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ بۇ جەرياندا خىتاي تەرەپ سىزنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىڭىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ياكى سىزنىڭ ئابرۇيىڭىزغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللاندى؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرەلەمسىز؟
جاۋاب: 2003-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇنجى تۈركۈمدە «تېررورچى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈپ خەلقئارا ساقچى ئورگانلىرىغا قىزىل خەتلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن يالغان «ماتېرىيال» ئويدۇرۇپ چىقىپ خەلقئارالىق ئورگانلارغا سۇندى. خىتاينىڭ بۇ ساختا ماتېرىياللىرىغا گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئېتىبارسىز قارىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا جىددىي قارىدى. مەسىلەن، 2006-يىلى مەن گېرمانىيە پاسپورتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگىنىمدە ۋاشىنگتوندىكى داللاس خەلقئارا ئايرودرومىدا 22 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ئاخىرى گېرمانىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2012-يىلىغا كەلگەندە ماڭا 10 يىللىق ۋىزا بەردى. مانا بۇ قېتىم مېنىڭ ئامېرىكىغا 5-قېتىم كېلىشىم. مەن گېرمانىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل تۈركىيەدە ياشىغان، تۈركىيەنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ، سۈيىنى ئىچكەن. تۈركىيەدە ئىككى يىل ماستېرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. ھالبۇكى، تۈركىيە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مېنى نەچچە قېتىم چېگرادىن كىرگۈزمىدى، ھازىرغىچە تۈركىيەگە كىرەلمەيمەن. 2009-يىلى خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولغا بارغىنىمدا ئايرودرومدا تۇتۇپ قېلىندىم. خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان بىر مەزگىلدە گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بىلەن بۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇم. شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرگە بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھغا شۈكرى، ھازىرغا قەدەر خىتاي دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا قولىنى سۇنۇپ، بىزنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىمىزنى توسۇشقا، ھاياتىي بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىشقا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەقسىتىگە يېتەلىگىنى يوق!...
سوئال: 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تىنىمسىز كۈرەشلىرىڭىز، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ئۆتكەن ھەم مۇشەققەتلىك ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش ھاياتىڭىز داۋامىدا ئۈمىدسىزلەنگەن، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتقان ياكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستىقبالىدىن گۇمانلانغان چاغلىرىڭىزمۇ بولدىمۇ؟
جاۋاب: مەن ھېچ ۋاقىت ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىستىقبالىدىن گۇمانلانغان ياكى ئۈمىدسىزلەنگەن بىر ئىنسان ئەمەسمەن. بۇ دەۋا سېپىگە قېتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى بېسىملىرىغا، تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلدىم. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ھەتتا ھاياتىمىز تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ياكى خەلقئارالىق سەپەرلەردە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. ھالبۇكى، ھېچقاچان بۇ يولدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئەمەسمەن. چۈنكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.
سوئال: سىز ئېرىشكەن «ئەركىنلىك مېدالى» مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى سىياسىي ھاياتىڭىزنىڭ راۋانلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسىمۇ ياكى يەلكىڭىزدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
جاۋاب: مەن «ئەركىنلىك مېدالى» نى ماڭا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ دەپ قارايمەن. مەزكۇر مۇكاپات كوممۇنىزم دىكتارتورلۇقىنىڭ قۇربانى بولغان خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە تۆھپە قوشقان باشقا شەخسلەرگىمۇ بېرىلگەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ مۇكاپات بەلكىم كەلگۈسىدىكى كۈرەش يولىمىزغا تېخىمۇ زور ئىلھام بولۇشى تەبىئىي. ئەمما مەن ماڭا بېرىلگەن «ئەركىنلىك مېدالى» مېنىڭ كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىيىتىمنى ۋە بۇرچۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۈستۈمدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئەركىنلىك يولىدىكى تېخىمۇ مۇشەققەتلىك بىر جەريانىنىڭ مېنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن.