15-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 18-ئۆكتەبىر كۈنى دۇبلىنغا يېتىپ بېرىپ، ئىرلاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ قېتىملىق ئەنگلىيە ۋە ئىرلاندىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ھەمدە ئۇلارنى 11-ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىشى ئەسلىدە قۇرۇلتاينىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى جىددىي ۋەزىپىلەردىن ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىرلاندىيە زىيارىتى د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن تۇنجى قېتىم مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ ئالدىنقى كۈنلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بۇ خۇسۇستا يېپىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدى. بۈگۈن ئۇ يەنە ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرلاندىيە ئىلگىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپ كۈرەش قىلغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاسان چۈشەنگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىرلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە داخىل بولغان. ئۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقى تىلغا ئالدى ھەمدە ئىرلاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى سۆھبەتكە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىلى رايىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەمدە ئىرلاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق 3 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتتۇق شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايدىن مەلۇمات سورىشىنى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سورىقىنى قىلىشنى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. سۆھبەت جەريانىدا ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئادەم ئەۋەتىپ جازا لاگېرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. بىز يەنە ئالدىمىزدىكى ئايدا ب د ت ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورىدۇق. بىز ئىرلاندىيە دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرغانلىق تارىخى بارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئىرلاندىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئىرلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغدايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەنچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى. ئىرلاندىيە دائىرىلىرى بىزنى ئۈمىدلەندۈردى.»