دولقۇن ئەيسا: خىتاينىڭ مارالبېشى ۋەقەسىنى چەتئەلگە باغلىمىغانلىقى ئىجابىي قەدەم، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس

0:00 / 0:00

مارالبېشىدا 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خەلقئارا جامائەت خىتايدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئارقا - ئارقىدىن مەلۇمات بېرىشكە باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتايدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلاردىن بىرى. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خىتاي يېقىندا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلار ھەققىدە بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ۋەقەنى چەتئەلگە باغلىمىغانلىقىنى «ئىجابىي بىر قەدەم، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس» دېدى. ئۇ خىتاينى رېئاللىققا يۈزلىنىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي ۋە مىللىي سەۋەبلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

سوئال: خەلقئارا جامائەت خىتايدىن مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە ھەققىدە بىر قاتار مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلاردىن بىرى، سىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا قارىتا ھازىرقى پوزىتسىيەڭلار قانداق؟

جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ قاراپ ئاخباراتقا ئاشكارىلىماي يوشۇرۇپ كەلگەن؛ شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قېتىم بەرگەن مەلۇماتلىرى گەرچە يېتەرسىز ۋە گۇمانلىنارلىق بولسىمۇ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى توغرا كۆرگەنلىكىنىڭ ئۆزىنى ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاينى قەدەمنى تولۇق بېسىشقا يەنى ۋەقەگە قارىتا تەرەپسىز ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز.

سوئال: دېمەك، خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى يېتەرسىز ھەم گۇمانلىنارلىق دەپ قارامسىلەر؟

جاۋاب: شۇنداق، تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ئىشتىراك قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ بىرى. خىتاي ۋەقەدىكى قارشى تەرەپنى تېررورچى، ئۆزىنى تېررورلۇقنىڭ قۇربانى دەپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، تەرەپسىز بىر ئورۇن بۇ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرى زۆرۈر بولغىنىدەك، تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگۈچى تەرەپنىڭمۇ بايانلىرى چوقۇم شەرت. ئەگەر ئۇلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشى قانۇنىي جەھەتتىن چەكلىنىدىغان ئىش بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرى تەھدىت ۋە بېسىمدىن خالى ھالدا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش كېرەك. ۋەقەدىكى بىر تەرەپلىمە مەلۇمات پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەمەس.

سوئال: خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى ئىچىدە، سىلەردە ئەڭ چوڭ گۇمان پەيدا قىلغان نۇقتا قايسى؟

جاۋاب: خىتاي ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تېررورلۇق گۇرۇھى دەپ ئاتىدى، تەكشۈرۈش داۋامىدا پارتلاتقۇچلار بىلەن بىرلىكتە بايراق تېپىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەت پىلانى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەلۇماتلاردىن «گۇماندارلار بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېگەن مەنا چىقىدۇ. ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ چوقۇم بىر نامى بولىدۇ، نىزامنامىسى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى نېمە؟ خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ پىلانى ۋە ھەرىكىتى ھەققىدە بىرمۇچە مەلۇماتلار بېرىپ،ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالالمىغىنىغا قارىغاندا، بۇنداق بىر تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەس ياكى بۇ تەشكىلات خاراكتېر جەھەتتىن، خىتاي دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس.

سوئال: بېرىلگەن مەلۇماتلار ئىچىدە گۇمان تۇغدۇرمايدىغان نىسبەتەن ئىشەنچلىك پاكىتلار قايسى؟

جاۋاب: مارالبېشىدا زور ۋە قانلىق بىر توقۇنۇشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئەلۋەتتە گۇمانلىق ئەمەس. خىتاينىڭ ۋەقەنى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەنلىكى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن بىرى. خىتاينىڭ بۇ مەلۇماتىدىكى پوزىتسىيەسىنىمۇ بۇرۇنقىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەش دەپ تونۇيمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى يەنى قولىدا پىچاق تۇتقان ئادەملەر نېمە ئۈچۈن زامانىۋىي قوراللانغان ئەسكەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن چېكىنمەيدۇ؟ بۇنچىلا غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ سەۋەبى نېمە دېگەن مەسىلە ئۈستىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىشىپ ۋە جاۋاب تېپىپ ۋە تىنچلىق شەكلىدىكى بىر يول ئىزدەشكە چاقىرىمىز.

سوئال: دېمەك، خىتاي ۋەقە ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىش پوزىتسىيەڭلار ئۈزگەرمىدى؟

جاۋاب : ئۆزگەرمىدى، چۈنكى بىرىنچىدىن ۋەقەنىڭ باشلىنىشى گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەن ئەمەس، خىتاي خادىملىرىنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى بىلەن باشلانغان. گۇماندارلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئېنىق. ئىككىنچىدىن، گۇماندارلار ئاۋام خەلققە ھۇجۇم قىلمىغان، ساقچىلار ۋە ئۆزلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچىنچىدىن. بىر موتسېكىلىتنى قولغا چۈشۈرگەن 3 گۇماندار، ئۇدۇل ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىخانىنىڭ ياتىقىغا ھۇجۇم قىلغان. يەنە بازاردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ئەمەس، قوراللىق ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ جان ئۈزگەن.

سوئال: ۋەزىيەت ھەققىدە ئاخىرقى سۆزىڭىز نېمە؟

جاۋاب: ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكى راست بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپسىز ئورگانلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى توسىمايدۇ دەپ قارايمەن. بۇ پۇرسەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندەك، 4 يىلدىن بېرى ئىز - دېرىكى بولمايۋاتقان ۋە كۆپلىگەن ئائىلىلەرنى يىغلىتىۋاتقان 5 - ئىيۇلدىن كېيىن غايىپ بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە خەلقئارا جامائەتكە مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىمەن. ئەگەر غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى داۋاملىق جاۋابسىز قالدۇرۇلسا، مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا مارالبېشى ۋەقەسىگە ئوخشاش قانلىق ۋەقەنىڭ ئۇزۇنغا بارماي يەنە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.