ئىگىلىشىمىزچە، 13-سېنتەبىردىن بۇيان فرانسىيەنىڭ ساۋوي ۋە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھەرلىرىدە بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دىكى مۇجادىلىسى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ كەنتەرتىپلىرىنى ئالدىن تۈزۈپ چىققان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ 22-سېنتەبىردىن باشلاپ نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ خادىملىرى، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ھەم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتى ئۈچۈن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە رافتو فوندى قاتارلىق ئورۇنلاردا بىرقانچە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا يەنە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئۇلارنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن. د ئۇ ق ئىجراىيە كومىتېتىنىڭ نورۋېگىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا قۇرۇلتاي رەئىسىنىڭ نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن نورۋېگىيەدىكى تەشكىلاتلار ۋە ياشلار قوشۇنىنىڭ پائال تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن جىددىي ھازىرلىققا كىرىشكەن بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ياشلار ۋەكىلى فېردۇن ئەپەندى بىزنى بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى 21-سىنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتى. قۇرۇلتاي خادىملىرى 20-سېنتەبىر ۋە 21-سېنتەبىر كۈنلىرىمۇ ب د ت دا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى ھەمدە ب د ت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كەڭ تۈردە تونۇتۇش پائالىيەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇردى. بۇ خۇسۇستا كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.