د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندى، «تۈركىيە-ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل ئەمراھ قارايەل ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ۋەدات بىلگە ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى كامىل ئايدىن ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىككى دوكلاتنى سۇندى.

دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي چەكلىمىلەر، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ساياھەت ئەركىنلىكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى توپلاش، «تەربىيىلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىش سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، «قوشماق تۇغقان» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتايلارنى ئاپىرىپ قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا ئۆمەر قانات ئەپەندى ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئىنكاسلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئېغىر بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتلارنى بەرگەندىن كېيىن قېرىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتكەنلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 3-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتكەنلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 1980-يىللاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سابىق لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ئەنقەرەگە كېلىپ، تۈرك سىياسەتچىلەرگە مەلۇماتلارنى بېرىپ تۇرغان كىشىلەردىن بىرى. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.