ئىلھام مەخمۇت: ياپونىيىدە 4-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئېچىلغان بىر يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەر قولغا كەلدى
2013.05.20
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ 17-كۈنىگە قەدەر ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئىدى.
شۇ يىلى،17-مايدىن 19-مايغىچە بولسا، شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ توكيودا بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن ھازىرلانغان 31 ماددىلىق نىزامنامىسى ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى سايلانغان ئىدى. توكيودا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ بىر قېتىملىق بۇ خەلقئارالىق سىياسىي يىغىلىش، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى، ياپونىيىدىكى ھەرقايسى سىياسىي، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا غەلىبىلىك ئېچىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقان ئىدى. توكيودا 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياپونىيىدە ئاڭلىتىشتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئۇتۇقلىرى ئۈستىدە، شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يېڭىدىن ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ياپونىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە يىغىن جەريانىدا ياپون تىلى تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى جاندىل بىلەن ئورۇنلىغان گۈلىستان خانىملار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.