2006-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى«ھەر بىر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەش» دېگەن شەرت بويىچە ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن مەخسۇس 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرلاش يوللىرى ئارقىلىق تۈركۈملەپ خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكىگەن ئىدى. بۇ جەرياندا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ چۈشۈرگەن سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تېخى قانۇنلۇق ئىشلەش يېشىغا توشمىغانلارنىمۇ خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكىگەنلىكى، بويسۇنمىغانلاردىن جەرىمانە ئېلىش ۋە ئۇلارنى جازالاشقا ئوخشاش قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يولسىز ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ جېنىنى ئېلىپ قاچقانلىرىمۇ، بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزگۈچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز تىركىشىپ جازا كۆرگەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قەينى سىڭلىسىنى خىتايغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشتىن توسۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغايسىز.