ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر: «شىنجاڭدا زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ»
2019.01.10

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىگە دائىر قاراشلىرىنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماشتەك بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىگە ئىشەنسە، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئېغىر دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.
مەزكۇر مەسىلە ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 8-يانۋار كۈنى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. «ئاغزاكى دەلىللەر: خىتاي ۋە قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا سىستېما» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قەشقەر خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش 3 «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان، تۇتقۇنلارغا بۇ مەركەزلەردە قانۇن ۋە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ «رادىكاللىق» ئىدىيىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
لېكىن ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم تۇگېنھاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا، پارىژ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئىلىملەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ساباستيان ۋەگ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا يىغىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە بۇ سورۇندىكى ھېچكىمنىڭ گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سورۇندىكى ھېچكىم بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە گۇمان قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيەردە غايىب بولغان پروفېسسورلار ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىغا دائىر خەۋەرلەر بار. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مانا شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ بىزگە قېرىنداش ئىنستىتۇت بولغان پارىژ EPHE ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى ئىدى. بەزى خىزمەتداشلىرىمىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرى رەت قىلىنمىدى. بۇيەردە بۇ خەۋەرلەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. بۇنىڭ ئەكسى ئىسپاتلانغۇچە، مەن بۇنى ۋە بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يالغانغا چىقىرالمايمەن.»
يىغىندا ئەنگلىيەلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، لوندون كىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئېۋا پىلس گۇۋاھلىق بېرىپ، ھەقىقەتەن بۇ لاگېرلارغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلار قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرمۇ بار ئىكەن.
ئېۋا پىلس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە كەلسەك، ۋەزىيەتتە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى. بۇرۇن بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش توختاملىرى دېگەندەك ئۇچۇرلارغا تايانغان. بۇ ھەقتىكى دەلىللەر شۇنىڭدىن تەمىنلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى› دەپ خاراكتېرلىنىشكە، ئۇنىڭدا ‹تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سۆز ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق. مەن بۇ ئورۇنلاردا يېتىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان. گەرچە ئۇلار شىنجاڭدا ياشىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلار ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە.»
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى پروفېسسور زېڭ ئېيتقاندەك بۇ رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى راست. ھەقىقەتەن قولىمىزدا بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر بار. بۇ دەلىللەر كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى ۋە رادىكاللىقتىن خالى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بيۇروكراتىك تىلىدا ئىپادە قىلىنماقتا. بۇ نۇقتىدىن قولىمىزدا دەپسەندىچىلىكنىڭ شۇنداق زور كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر بار. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە چەتئەللىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى كۈتۈۋالغاندا بۇ ئورۇنلارنى ئاقلاپ، «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ قانۇن، سىياسەت ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ «رادىكاللىق» ئىدىيەلىرىدىن خالى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور زېڭ رۈيشېڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدا 1976-يىلدىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقراسى دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار باشقا بىر نەرسە بىلەن سۈپەتلىنىپ باقمىدى. ئۇلار خىتاي پۇقراسى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر دۆلىتىڭىزدىكى مەلۇم بىر گۇرۇپپا پۇقرايىڭىز بىر كىملىك بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا ۋە بۇ كىملىك بىلەن سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان بىر گۇرۇپپىسىنىڭ 10 دەن بىر قىسمى لاگېرلاردا ياشاۋاتقان بولسا، بۇ سىزدە غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار دېمەكتۇر. بىز 1976-يىلى ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن بېرى، ھەتتا 1989-يىلدىكى ھەربىي باستۇرۇش دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگەندەك بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇپ باقمىغان. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمى ۋە سىستېمىمىزغا ئىشەنسەك، بىزنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىمىز يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشىمىز خاتالىقتۇر.»
گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى ھەرىكىتىگە قانداق ئامىل تۈرتكە بولدى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان دۆلەتلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن سوئاللار چۈشكەن.
پروفېسسور زېڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشىنى شى جىنپىڭ بىلەن باشلاندى دېيىش بىر ئاز زورلىما بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىكى ۋاقتىدا يۈرگۈزگەن قىساس ئېلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور زېڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنى قوشۇمچە قىلماقچى، مېنىڭچە، سىياسەتتىكى زور ئۆزگىرىشىنى شى جىنپىڭ بىلەن باشلاندى، دېسەك بەك زورلىما بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەردە يەنە قارىماققا شىنجاڭدىكى سىياسەت بىلەن ئاساسەن ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزگەن تىبەت پارتىيە سېكرېتارى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇ تىبەتنى غەلىبىلىك بىر تەرەپ قىلغان شەخس. مانا بۇ شەخس تىبەتتىن شىنجاڭغا يۆتكەپ ئاپىرىلدى. ئۇ تىبەتتە يولغا قويغان قىساسخورلۇق سىياسىتىنى ئوخشاشلا شىنجاڭدا يولغا قويدى. مانا بۇ بىز ھازىر شاھىت بولۇۋاتقان ۋەزىيەت.»
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، لاگېرلار ھەققىدىكى «ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر» نىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پروفېسسور ئېۋا پىلسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە بىر خەلقئارا كۆزەتكۈچى تەيىنلەشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى كەلگەن ئىكەن. ئۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ «پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى» نى تەكىتلەپ، «بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇش پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مەن بۇ مەسىلىدە پروفېسسور زېڭنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر غەرب دۆلىتىنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى چەكلىك. لېكىن ھېچبولمىسا بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى تەيىنلەش مۇۋاپىق چارە دەپ قارايمەن» دېگەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېنھاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا مەزكۇر كومىتېتتىكى ئىيان ئائۇستېن، ئەن كلىۋۇد، مايك گېيپىس، ستېفېن گېيتىنېس، ئىيان مۇرېي، پرىتى پاتېل، ئاندرېۋ روسېندال قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.