ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.10.01
enqere-1-oktebir-namayish-2.jpg خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ بېشىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ «1-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق توي كۈنى بولسا، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر ماتەم ۋە مۇسىبەت كۈنىدۇر!» دەپ جاكارلاپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنى 1-ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردە نامايىش، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە يىغىن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مانا بۈگۈن، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ گازى ئوسمانپاشا رايونى گۆلگەلى كوچىسىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ نامايىشقا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدا قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئەنقەرەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەلىك ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، تۈرك بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، تۈركىيە ئۇخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. ئارقىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا، خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى پاش قىلىنغان ۋە ئەيىبلىگەن مەزمۇندا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

ئۇ، باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئار-نومۇس قىلماستىن قوش بايرام دەپ ئېلان قىلغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم ۋە مۇسىبەت كۈنى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن 66 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان كۈن ئىكەنلىكىنى، بۇندىن 60 يىل بۇرۇن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ساختا ئاپتونومىيە بىلەن ئالدىتىلغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ باياناتىدا 66 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ۋاقتىنىڭ ئاللاھ بۇرۇن كەلگەنلىكىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.