16 يىلدىن بېرى، ئىككى پەرزەنتىنى تۈركىيەگە ئەكېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى سىنىغان بولسىمۇ، ئەكىلەلمىگەن مىركامىل قەشقەرلى، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۆتكەن ئاي تۈركىيەگە ئەكەلدۈرگەن ئىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ تارقىتىلغان ئىدى.
مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن 22-ئۆكتەبىر كۈنى 5 پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ، باش مىنىستىرغا بىر پارچە رەھمەت خېتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى سوغا قىلدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىركامىل قەشقەرلىنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى تۈركىيەگە ئەكېلىپ بېرىپلا قالماستىن، ئوغلى سالاھىدىننى ئۇنىۋېرسىتېتقا، قىزى شەرافەتىننى ياخشى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردى.
باش مىنىستىر ئەردوغان مىركامىل ئائىلىسىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن ھال ئەھۋال سورىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ سوئال سورىدى.
مىركامىل قەشقەرلى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان رەھمەت خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا،
قەلبىمىزنى ئۆرتىگەن 16 يىللىق ھىجراننىڭ، ئاللانىڭ تەقدىرى ۋە سىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىڭىز بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىزگە بۇ خۇشاللىقنى بەخش قىلغان ئاللاھغا، بىزگە چۈشىمىزدىكىدەك بۇ خۇشاللىقنى بېغىشلىغان سىزگە چىڭ كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. سىز بىزگە بېغىشلىغان بۇ خۇشاللىققا، بىزگە ئوخشاش بوينى قىسىلىپ قالغان، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈۋاتقان، يۈرەك-باغرى زەرداپ بىلەن تولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭمۇ ئېرىشىشى ئۈچۈن چىڭ كۆڭلىمىزدىن دۇئا قىلىمىز. ئەلۋەتتە ھازىرقى خۇشاللىققا تولغان ھېسسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ئەي رەببىمىز، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن رازى بولغىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئاۋازى قىلغىن، ئۇ خەلقلەرگە يېتىملىق ھىس قىلدۇرما... ئامىن.
ھۆرمەت بىلەن: مىركامىل قەشقەرلى ۋە ئائىلىسى »
مىركامىل قەشقەرلىنىڭ باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان خېتىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، سول تەرىپىگە تۈركىيەنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن.
مىركامىل قەشقەرلى 1997-يىلى سىياسىي بېسىم تۈپەيلىدىن ئىككى پەرزەنتىنى قەشقەردە قويۇپ چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، 16-يىلدىن بېرى كۆرەلمىگەن ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئىككى ئاي بۇرۇن جەم بولدى.