تۇرسۇنگۈل خانىمنىڭ فىرانسىيە مۇخبىرى بىلەن سۆھبىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.11.29
eysajan-emet-anisi-tursungul.jpg 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئانىسى تۇرسۇنگۈل(سولدا) خانىم، كېلىنى توختىگۈل(ئوتتۇرىدا) ۋە نەۋرىسى(ئوڭدا) بىلەن.
RFA/Shohret Hoshur

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭى بازار رايونى ئۆرۈك بازىرى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بىر ئۆيگە فىرانسىيەلىك بىر مۇخبىر تەرجىمانى بىلەن كىرىپ كېلىدۇ. 4 يېرىم يىلدىن بۇيان غايىب ئوغلى ئەيساجان ئەمەت ھەققىدىكى دەرد-ئەلەملىرىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي ئولتۇرغان تۇرسۇنگۈل خانىم، مۇخبىرنى ھەم خۇشاللىق، ھەم دەرد-ئەلەمدىن پارتلاپ چىققان يىغا-زارە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. سۆھبەت باشلىنىپ، 5-6 مىنۇتچە ئۆتكەندە؛ ھويلىغا خىتاينىڭ 16-17 نەپەر ساقچى ۋە خىزمەتكارلىرى بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلاردىن 6 نەپىرى ئۆيگە ئۈسسۈپ كىرىپ، سۆھبەتنى كۆزىتىدۇ. گەرچە ساقچىلار فىرانسىيەلىك مۇخبىرغا شۇ نەق مەيداندا زوراۋانلىق قىلىشقا پېتىنالمىغان بولسىمۇ، مۇخبىرنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق سۆھبەتنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئامالسىز ھالدا تۇرسۇنگۈل خانىم بىلەن خوشلاشقان مۇخبىر ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن ساقچىخانىغا ئاپىرىلىپ بىر كۈن قاماپ قويۇلىدۇ. تۇرسۇنگۈل خانىم بىر ھەپتە ئۆز ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىق ۋە چىدىماسلىقىدىن زارلانغان تۇرسۇنگۈل خانىم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىزغا تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ.

تۇرسۇنگۈل: بىر كۈن ئاۋۋال بىر تېلېفون كەلدى، بىر مۇخبىر زىيارەت قىلماقچى دەپ، بولىدۇ دېدىم. ئەتىسى ئۇ مۇخبىر بىر تەرجىمان بىلەن كىرىپ كەلدى، يىغلاپ قارشى ئالدىم؛ 4 يېرىم يىلدىن بۇيان يىغىمىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىغان. ئەمدى گەپ باشلىنىپ، بالامنىڭ يوقاپ كېتىش جەريانىنى سۆزلەۋاتسام، ھويلىغا قارا-قاغىلار يېغىپ كەتتى؛ بىر چاغدا ئارىسىدىن 6 سى ئۆيگە ئۈسۈپلا كىرىپ بېشىمىزدا قاراپ تۇردى.

مۇخبىر: قارا-قاغىلار دېگىنىڭىز ساقچىلارمۇ؟
تۇرسۇنگۈل: ساقچىلار ھەم ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى. ئۇلار بېشىمىزدا قاراپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن گېپىمىز گەپ بولمىدى، مۇخبىرمۇ سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى سورىيالمىدى؛ مېنىڭمۇ دەيدىغان گېپىمنىڭ ھەممىنى دېيىشىمگە پۇرسەت بولمىدى. ئاخىر مۇخبىر «ئىككى ئايلاردىن كېيىن يەنە كۆرۈشىمىز» دەپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مۇخبىر چىقىپ كېتىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىتاي شۇجىسى بىرقانچە گۇپپاڭچىسىنى ئېلىپ ئۆيگە بېسىپ كىرىپتۇ ۋە نېمە ئۈچۈن مۇخبىر بىلەن كۆرۈشىسەن دەپ ماڭا ھۈرپىيىپ كېلىۋاتىدۇ؛ مەنمۇ ئالدىغا ئېتىلىپ باردىم، كۆرۈشتۈم قانداق قىلىسەن، يەنە كۆرۈشىمەن، بولسا ئېتىۋەت دەپ ۋارقىرىدىم. يېنىدىكى بىر غالچىسى «بۇ، كومىتېتنىڭ سېكرېتارى، بىلىپ گەپ قىلىڭ» دېدى، مەن «بۇ گېپىمنى شى جىنپىڭ كەلسىمۇ دەيمەن دېدىم. ماڭا بىرەر قۇر تەھدىتنى سېلىپ چىقىپ كېتىشتى، مەن «يېشىم يەتمىشتىن ئاشتى، قورقىدىغان تارتىشىدىغان ھېچنېمەم يوق» دەپ ئۇزىتىپ قويدۇم. ئەتىسى كومىتېتتىن يەنە بىرنەچچىسى كىرىپتۇ، «شۇجىرىمىز(سېكرېتار) تۈنۈگۈن قوپاللىق قىپ قويۇپتىمەن، ئۆزۈر تىلەيمەن» دەپ بىزنى ئەۋەتتى دەپ، ئۆزرىسىنى چېكىسىگە تاڭسۇن، مېنى قورقۇتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن دەپ چىقىرىۋەتتىم. شۇ كۈندىن كېيىن ئىشىكىمدە پوست قويۇپ تا بىر ھەپتىگىچە ئۆيگە كىرىپ چىققانلارنى كۆزەتتى.

مۇخبىر: فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۆيگە ساقچى بېسىپ كىرگەندە قانداق كەيپىياتتا بولدى؟
تۇرسۇنگۈل: جىددىيلەشمىدى، ھودۇقمىدى، مەن بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، بىراق بالام ھەققىدىكى سوئاللىرىنى توختىتىۋالدى. مۇخبىر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تەرجىمان بالىغا تېلېفون قىلىپ تۇردۇم. ئۇ بالا بىر چاغدا «بىز ھازىر ساقچىخانىدا، مۇخبىرنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالدى» دېدى، سۆھبىتىمىزنى لېنتىغا ئېلىۋاتقان، ئۇ قانداق بولدى دېسەم، «ئۇنى تارتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى، بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئىچىشىپ كەتتى. كېيىن ئۇقسام ئۇ مۇخبىرنى ئىككى كۈن سولاپ قويۇپتۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنگۈل خانىمنى زىيارەت قىلغان مۇخبىر، پاتىگۈل غۇلام بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كۆرۈشەلمىگەن فىرانسىيەلىك مۇخبىر جاسقۇە گارنىەر بولۇپ، ئۇ تۇرسۇنگۈل خانىمنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىر كۈن سوراق قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق كىملىكىنى يوشۇرغان ۋە تۇرسۇنگۈل خانىمدىن پەقەت ھال سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان؛ ساقچىلار ئۇنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. مەزكۇر مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىشىچە، 28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىققان. ئۇ 15 ‏-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىغا سەپەر قىلىپ ئالدى بىلەن تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان؛ ئەمما ئاقتۇنىڭ ئۈجمە يېزىسىغا 20 كىلومېتىر قالغاندا ساقچىلار ئالدىنى توسۇپ چەتئەللىكلەرنىڭ مەزكۇر يېزىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇخبىر غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا يۇقىرىقىدەك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.