گېرمانىيەنىڭ 5 چوڭ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2019.02.04
گېرمانىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپادىكى 10 دۆلەت، 16 شەھەردە نامايىش تەشكىللىدى.
مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2-فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا، جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش تەشكىللىدى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە يۈزمىڭلارچە ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلات يالغۇز ياۋروپانىڭ ئۆزىدىلا 10 دۆلەت، 16 مەركىزىي شەھەردە نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ 5 چوڭ شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ، دۈسسېلدورف شەھەرلىرىدە كۆلىمى زور نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، نامايىشچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىمىز بولمىدى. ئەمما بېرلىن، فرانكفۇرت ۋە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توغرىسىدا نەق مەيداندىن مەلۇمات ئىگىلىيەلىدۇق.
ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىش مەيدانىدىن بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى نامايىشنىڭ تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە تۈرك قېرىنداشلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 300 ئەتراپىدا تۈركلەر ۋە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، 200 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئالايىتەن كارلسرۇخې شەھىرىدىن فرانكفۇرتقا بېرىپ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى نامايىش ھەققىدە بىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا 2-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭمۇ كۆلىمى زور بولغان. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
2-فېۋرال كۈنى يەنە ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن. «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بۇ خىلدىكى نامايىشلار يەنە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە 3-فېۋرالدىن 6-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىكەن.