گېرمانىيەدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
2018.10.01
بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى يېڭى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ، «جازا لاگېرلىرى» غا ۋە « ئاسارەتكە قارشى» ئىرادىلىرىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ئىلگىرى 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، ئۇيغۇر ئېلى ئىستىلا قىلىنغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق پاالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا بىر قىسىم د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جاماىتى قاتناشتى.
23-سېنتەبىر باشلانغان بىر ھەپتىلىك نورۋېگىيە زىيارىتىنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ 30-سېنتەبىر ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نامايىش مەيدانىدا ئۇيغۇر جاماىتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كۈرەشنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرۈشنى، «ئاسارەتكە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئۇيغۇر جاماىتىنى سەپەرۋەر قىلدى.
مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇاۋىن رەىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمان جاماىتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مۇستەملىكە بىر زېمىن بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
نامايىشتا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى، خىتاي تۈرمىلىرىگە بەند قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان تاختايلارنى، ھەر تۈرلۈك شوارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇرلار جاراڭلىق شوار سادالىرىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ «بۇ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈرەش قىلىدىغان دەۋرى» دېدى. بىر يېرىم ساەت داۋام قىلغان بۇ نامايىش ساەت 17:30 ئاخىرلاشتى.