گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى سۇنغان ھېچبىر ئۇيغۇرنى قايتۇرماسلىق قارارى ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.13
xitay-saqchi-tekshurush-terbiyelesh.jpg مەلۇم تەكشۈرۈش پونكىتىدا پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى. 2018-يىلى 28-يانۋار، ئالتاي
REUTERS/Jason Lee

گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ يىل 4‏-ئايدا دىلشات ئادىلجان ئىسىملىك 22 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىسىنى ئۇقۇشماستىن خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن. دىلشات خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى ئېلىنالمىغان ئىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى باربېل كۆفلېرنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار دىلشات ئادىلجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان ھامان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە سوتقا تارتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

باربېل كۆفلېر دىلشاتنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە‏-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا بىلگەن. 36‏-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 6- ۋە 7‏-دېكابىر كۈنلىرى تىبەتنىڭ مەركىزى لاسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. دىئالوگتا گېرمانىيە تەرەپ دىلشاتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان. كۆفلېرنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بىلدۈرۈشىچە، دىئالوگتا خىتاي تەرەپ دىلشاتنىڭ قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشاتنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا خىتايغا ئۇقۇشماستىن قايتۇرۇۋېتىلىشى گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىلىرىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولغان. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ يىل 7‏-ئايدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىش، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى بۇيرۇغان ئىدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىدارىسى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بولسىمۇ خىتايغا قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان. كۆچمەنلەر ئىدارىسى گېرمانىيە «ئولتۇراق قانۇنى» نىڭ 60-ماددىسىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقىرىقى قارارنى چىقارغان. يۇقىرىقى قانۇننىڭ 60‏-ماددىسىدا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىلىرىنى ئۇلارنىڭ ھاياتى، كىشىلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكى خەۋپكە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇش چەكلەنگەن.

گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ جىددىيلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتكەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپنى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، تەن جازاسى، قاماق جازاسى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدۇق. بۇنى ئىزچىل ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرغان ئىدۇق. مانا ھازىر گېرمانىيە دائىرىلىرى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنى چۈشىنىپ يەتتى.»

گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇرۇن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى شەخسىي دېلو سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن. بىراق بۇ نۆۋەت كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۇنجى قېتىم ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە. ئۇلرىخ دېلئىۇس، بۇنىڭ زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر توپ سۈپىتىدە قايتۇرماسلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش بەك مۈشكۈل. چۈنكى نورمالدا گېرمانىيە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى شۇ كىشىنىڭ شەخسىي ئەھۋالىغا باغلاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىراق گېرمانىيەنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتنى جازالاشقا ئۇچراۋاتقان خەلق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان بەك پەۋقۇلئاددە ھادىسە. شۇڭا گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنى زور ئىلگىرىلەش دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلار دىلشات ئادىلجان بىلەن تۈرمىگە بېرىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەسقەر جان پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ ھېچبولمىسا ئۇنى تۈرمىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخىرقى باياناتىدا دىلشاتنىڭ تۈرمىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتىمىز، دېدى. بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ-ئاشمامدۇ، ئۇنى بىلمەيمىز. ئەمما ئۇنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتايغا ئىلتىماس قىپتۇ. ئۇلارنىڭ خىتايغا بېرىپ ھېچ بولمىسا، تۈرمىدە كۆرۈپ ئىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق قارالارنى ئېلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «. . . بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئومۇمىي بېسىمنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشى ناھايىتى مۇھىم. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئۈلگە قىلىپ، شۇنداق قارالارنى ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

دىلشات ئادىلجاننىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى بۇرۇنقى ئادۋوكاتى لېئو بورگمان «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بەرگەن مەلۇماتىدا دىلشاتنىڭ بۇ يىل 13‏-ئۆكتەبىر كۈنى سوتقا چىقىرىلغانلىقى، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە قاتناشقان نامايىشلار سەۋەبلىك «تېررورلۇق» ياكى «بۆلگۈچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دىلشات ئادىلجاننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق گېرمانىيەنىڭ تەلىپى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.