ئائىلىدىكى 5 پارتىيە ئەزاسى ۋە 3 ئەمەلدارنىڭ يۈز خاتىرىسى غايىب ئوغۇلنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا يارىمىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.07.30
bigunah-uyghur-saqchi-305.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىدا پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش كۆرۈنۈشى. 2009- يىلى ئىيۇل.
RFA

5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەڭ ساداقەتمەن بولغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا زەربە ۋە يوقىتىش نىشانى بولغانلىقى يۈزلەرچە پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانماقتا.

ئەڭ يېقىندا بايقالغان ئىسپاتلاردىن بىرى، تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا تونۇشتۇرۇلغان غايىب شۆھرەت ئوسماننىڭ ئائىلە تەركىبى ۋە ئائىلە تارىخىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، غايىب ياردەمچى ساقچى شۆھرەت ئوسماننىڭ ئانىسى 30 يىللىق سوت خادىمى، دادىسى ناھىيىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، بوۋىسى سابىق يېزا باشلىقى، مومىسى ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرى، تاغىسى نۆۋەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە بۆلۈم باشلىقى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا پارتىيە ئەزاسى.

3 ئەۋلاد كىشىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىگە ھاياتلىرىنى بېغىشلاپ كەلگەن بۇ ئائىلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئالدىدىكى يۈز خاتىرىسى، غايىب ئوغۇل شۆھرەت ئوسماننىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىلا ئەمەس، قايسى قاماقخانىغا ئەكېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلىشكە يارىمىغان.

5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىماممەمەت ئېلىگە ئوخشاش ئىنجىنىرلار، ئالىم ئابدۇرېھىمغا ئوخشاش سودىگەرلەر، ئالىمجان بەكرىگە ئوخشاش شىركەت خادىملىرى، ئابدۇرېھىم سىدىققا ئوخشاش تېخنىك-ھۈنەرۋەنلەر، ئەنىۋەر تۇردىغا ئوخشاش جاپاكەش ئىشلەمچىلەرمۇ بولغىنىدەك؛ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇپ ياشاپ كەلگەن كومپارتىيە ئەزاسى ئابدۇغېنى ئەزىز، ياردەمچى ساقچى شۆھرەت ئوسمانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ ساداقىتى كارغا كەلمىگەندىن باشقا ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىنىشقا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۆرسەتكەن ساداقەتلىرىمۇ ئىشقا يارىمىغان.

مۇخبىر: ئوتتۇز يىللىق سوت خادىمى تۇرۇپ، ئوغلىڭىزنىڭ قايسى قاماقخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىڭىزمۇ؟
مېھرىنىسا: بىلەلمىدىم، ھېچ ئامالىنى قىلالمىدىم. مەن بىر ئايال كىشىنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ.

مۇخبىر: ۋىلايەتلىك سوت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سوت قاتارلىق ئۆز كەسپىي تارماقلىرىڭىزنى ئىشقا قول تىققۇزۇپ سۈرۈشتە قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
مېھرىنىسا: ئاپتونوم رايونلۇق سوت ئارىلاشمىدى، ناھىيىلىك سىياسىي-قانۇندىكىلەر ئارىلاشتى، ئەمما ئۇلارمۇ ئۇچۇر ئالالمىدى.

مۇخبىر: ئىدارىڭىز (ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى)چۇ؟
مېھرىنىسا: ئىدارىدىكىلەر «سىز بىر قانۇن خادىمى، ئەرز قىلسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ماڭا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىدى. مەن ئاخىرى بولماي «مەن ئەرز قىلمايمەن، پەقەت ئىلتىماس سۇنىمەن» دەپ رۇخسەت سوراپ ئۈرۈمچىگە باردىم.

مۇخبىر: ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ جاۋابى نېمە بولدى؟
مېھرىنىسا: ئۇلارمۇ ئىزدەپ تاپالمىدى. ئەھۋالىمنى ئۇققان ئۇيغۇر ساقچىلاردىن ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ كۆزىگە ياش ئالغانلار بولدى.

مۇخبىر: دېمەك، ئۇلارنىڭ كاللىسىغىمۇ «بۇ ئايالنىڭ بالىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئەتە-ئۆگۈن بىزنىڭ بالىمىزنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ» دېگەن ئوي كەلگەن گەپتە؟
مېھرىنىسا: شۇنداق، قانۇن ساھەسىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئۆزىمىز قوغدىيالمىساق قانداق بولىدۇ دېيىشتى.

مۇخبىر: ئائىلىدە سىزدىن باشقا بۇ ئىشقا يول ماڭىدىغانلار بولمىدىمۇ؟
مېھرىنىسا: ئۈرۈمچىدە سىڭلىمنىڭ يولدىشى داشۆدە (ئۇنىۋېرسىتېتتا) پروفېسسور؛ ئۇ يول مېڭىپ باقتى، ئىنىم ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە بىر بۆلۈم باشلىقى ئۇمۇ يول ماڭدى، بولمىدى. يولدىشىم (ئاۋات) ناھىيىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى، ئۇ شۇ يىلى كېسەل ۋە دەردتىن ئۆلۈپ كەتتى.

مۇخبىر: دېمەك، ئائىلەڭلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن ۋە خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن؟
مېھرىنىسا: شۇنداق. داداممۇ بىر يېزا باشلىقى ئىدى، ئاپام ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن پېنسىيىگە چىققان.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن ئىماممەمەت ئېلى ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ تۇغقىنى، غايىب ئامانتاي جۈمەتاي بولسا سابىق قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى ھەمزە دېگەن كىشىنىڭ نەۋرىسى، 5-ئىيۇلدا تۇتۇلۇپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن نۇرۇلئىسلام سابىق سودا‏ نازارىتى نازىرى داۋۇت قۇرباننىڭ نەۋرىسى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.