ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.08
gheyret-abduraxman.jpg ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخمان ئەپەندى.
RFA/Shöhret Hoshur

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تېلېفون قىلىپ تۇتۇلغانلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئاكادېمىيەگە قاراشلىق تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دەلىللەنمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى ۋە ئۇنىڭ «ئوتخور جەمەت» ناملىق تەرجىمە كىتابى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن جەمئىي 5 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز تارقالغاندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئېلخەت يوللاپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا «ئوتخور جەمەت» ناملىق تەرجىمە كىتابىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

تور ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا «ئوتخور جەمەت» نىڭ بىر تەرجىمە رومان ئىكەنلىكى، ئەسلىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچى مو يەن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئوتخور جەمەت» ناملىق بۇ روماننىڭ غەيرەت ئابدۇراخمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى، 2013‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانلىقى ۋە شۇ يىلى مەزكۇر نەشرىيات تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر تەرجىمان» بولۇپ باھالانغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىز غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قايتا تېلېفون قىلدۇق. بىز تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىمدىن «غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا تۇتۇلغانلىقى توغرىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ «توغرا» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئالاقىدار رەھبىرىي خادىملاردىن ئېنىقلاپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتايدا چىقىدىغان «خەلق تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇراخمان 1966‏-يىلى بورتالادا تۇغۇلغان. 1991‏-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تەقسىملەنگەن. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئەڭ يېقىندا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىغان. بىز ئالدىنقى كۈنى زىيارەت قىلغان قەشقەردىكى بىر سىياسىي قانۇن خادىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا 600 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ «مەسىلىلىك كىتاب» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن «مەسىلىلىك كىتاب» لار ئارىسىدا «ئوتخور جەمەت» دېگەن تەرجىمە روماننىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى.

يەنە تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەت ئابدۇراخمان 2016‏-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «تۈركىي تىللار تەتقىقات يىغىنى» غا قاتناشقان. يىغىن جەريانىدا «خەلق تورى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن مەخسۇس زىيارەت قىلىنغان. غەيرەت ئابدۇراخمان ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئۇنىڭ «تىل مەدەنىيىتى تارىخىدىن جاۋاھىرلار» ناملىق بىر كىتابىنىڭمۇ بارلىقى، بۇ كىتابىدىنمۇ «چاتاق» تېپىلغانلىقى توغرىلىق جەمئىيەتتە ئۇچۇرلار بارلىقى يېزىلغان. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى خادىملاردىن بىرى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ قايسى كىتابى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئالاقىدار رەھبەرلەردىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەمەلدارلاردىن بىرى مەزكۇر ئاكادېمىيەدىن يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان 5 كىشىنىڭ ئىچىدە غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ بار -يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا «بار» دەپ جاۋاب بەردى.

«خەلق تورى» دا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، غەيرەت ئابدۇراخمان، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، «مەدەنىيلىك» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىكەن. ئۇ ئەڭ يېقىندا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىغان. ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن كۈرەش تاھىر بىلەن ئەسقەر يۇنۇسنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ۋە ئاكادېمىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم بىلەن قاتقاندا مەزكۇر ئاكادېمىيەدىن جەمئىي بەش كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.