26-يانۋار رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، غۇلجا شەھىرى ئىچىدە 25-يانۋار كېچىدىن باشلاپ، جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ برونېۋىك، ساقچى ئاپتوموبىللىرى سەپ بولۇپ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشقا باشلىغان. ھەممە ئورگانلارغا 24 سائەتلىك كۆزىتىشتە تۇرۇش ئۇقتۇرۇلغان. بەزى جايلاردا ئۆي ئاختۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلغان. شەھەردىكى بۇ خىل جىددىي ساراسىمىلىك ۋەزىيەت شەھەر ئاممىسى ۋە ساياھەت ئۈچۈن غۇلجىغا كەلگەن كىشىلەردە راھەتسىزلىك، ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان.
بۈگۈن بۇ ھەقتىكى بىر سىن كۆرۈنۈشىمۇ فېيسىبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە پەيدا بولدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غۇلجىدا ئايدۆڭ مەسچىتى ئىمامى ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا، ئانىلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەمدە ئاختۇرۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاينىڭ غۇلجا شەھىرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان رادىيومىز غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق، تۈنۈگۈندىن باشلاپ غۇلجا شەھەر ئىچىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى ۋە بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئاۋازلىق، سىنلىق ئىسپاتلىق كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۆزىنى ساياھەت ئىدارىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان، يازما ئۇچۇر بەرگۈچى بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26-يانۋار بىر ھەپتىلىك سودا ۋە ساياھەت ئۆمىكىنى غۇلجىغا باشلاپ كىرىپ-چىقىش جەريانىدا، ساياھەت خادىملىرى ۋە ساياھەتچىلەر چېگرادا ۋە مېھمانخانىلاردا دائىرىلەرنىڭ كۆپ قېتىم قاتتىق تەكشۈرۈشلىرىگە ئۇچرىغان. شەھەر ئىچىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرى توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 25-چېسلا شۇ يەر ۋاقتى يېرىم كېچە 12 دىن باشلاپ 20 دىن ئارتۇق برونېۋىك، 50 تىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىللىرى سەپ بولۇپ، تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ، شەھەرنىڭ نورمال رىتىمىنى تۇيۇقسىز جىددىيلەشتۈرگەن، رادىيو ۋە تېلېۋىزورلاردا، چاغانلىق بىخەتەرلىك ئۈچۈن جىددىي ھالەت داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەر مەركىزى ساقچىخانىسى ھەرەمباغ ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق:
-خەۋەر تېپىشىمىزچە، غۇلجا شەھىرىدە ساقچى ماشىنىلىرى ۋە برونېۋىكلار چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، سەۋەبى نېمە؟'
-ھە ئۇ، چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى دەپ ئامانلىقنى قوغداش ئۇ، پىرقىراۋاتىدۇ ئۇلار.
-قاچان باشلىدى؟
-بۈگۈن ئەتىگەن باشلىدى.
-غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق، ھازىر تىنچمۇ؟
-تىنىچقۇ غۇلجا، چاغان يېقىنلىشىپ قالدىغۇ ئاساسلىقى شۇنىڭغا.
-قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ بۇ چارلاش؟
-چاغان تۈگىگىچە.
-سىلەرمۇ 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتامسىلەر؟
-ھە ئە، بىز ئەزەلدىن تۇرىمىز چاغان بولامدۇ، بايرام بولامدۇ، ئادەتتە تۇرۇۋاتىمىز.
-دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ چەكلەمدۇ بۇ مەزگىلدە؟
-ئۇنى ئېنىقلا چەكلەيدۇغۇ.
-بۇ چارلاشلارنىڭ سەۋەبى پەقەت چاغانلىقمۇ ياكى-5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى بولاي دېدىغۇ دەيمەن ھە...
-كىمۇ سىز؟
-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى.
-ياق، ئاۋۇۇۇ... سىز بىزگە بۇنداق ئىشلارنى ئۇرماڭ سىز...
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە غۇلجىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئالاھىدە بىخەتەرلىك چارىلىرى غۇلجا ئاممىسىنىڭ نورمال ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى بىلەن تېلېفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى بىلەن نورمال ئالاقىلىشىشىگىچە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئەسلى غۇلجىدىن بولغان ئابدۇسالام ئەپەندى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان غۇلجىدىكى پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا، ئانىلىرى بىلەنمۇ تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۆتكەن ھەپتە غۇلجادىكى ئائىلىگە تېلېفون قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ناھايىتى جىددىي ۋە كەسكىن ھالدا ئەمدى تېلېفون قىلماسلىقىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە، چاغان ۋە ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىللىرىدە بىخەتەرلىك، ئامانلىق چارىلىرىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. ئەمما برونېۋىكلار ئارقىلىق چارلاش ئېلىپ بېرىشتەك ھەرىكەتلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 5-فېرۋاال غۇلجا ۋەقەلىرىدە كۆرۈلگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا بارلىق ئىدارە-ئورگان، مەكتەپلەردە چاغان تۈگىگەنگە قەدەر 24 سائەتلىك چارلاش ۋە نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بىز برونېۋىك بىلەن چارلاشنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن قەشقەر ھېيتگاھ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سىناپ كۆردۇق. تېلېفوننى ئالغان ساقچى 24 سائەتلىك چارلاش ۋە نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما برونېۋىك بىلەن چارلاش ھەققىدە سورىغىنىمىزدا «بۇنداق چوڭ ئىشنى ساقچىخانىدىن سىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئالاھىدە سەزگۈرلۈكىنىڭ چاغاندىكى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغاندىن باشقا، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «20 يىل بۇرۇنقى 5-فېۋرالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نارازىلىقى مۇشۇ خىل جىددىي ھالەتتە باستۇرۇلغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق باستۇرۇشنى داۋام قىلىپ كەلدى ۋە بۇ خىل باستۇرۇش قانچە كۈچەيگەنسېرى تېخىمۇ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەزگۈر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە بۇ خىل ھەيۋە قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا، بۇ بىر تەرەپتىن شۇنچە قورال ۋە ئامانلىق كۈچىگە ئىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسىزلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىنىڭ ھامان نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەقسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن ھېچبىر ساۋاق ئالمىدى» دېدى.