گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

31-يانۋار گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولۇپ، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى.

پائالىيەت ئەھلى ئالدى بىلەن 19 يىل ئىلگىرى مەزكۇر ۋەقە جەريانىدا غۇلجا شەھىرىدە قۇربان بولغان كىشىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. دۇئالار قىلدى. ئاندىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن بىرى ئابدۇسالام ئەپەندى قاتارلىقلار ئەينى چاغدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

كىيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. ئۇلار «خىتايلارنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى باستۇرۇشتىكى ۋاسىتىلىرىنىڭ قەبىھلىكىگە باقماي، خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىققا بولغان ئارزۇ-ئارمىنىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 2 دىن8 گە قەدەر داۋام قىلدى. پائالىيەتتە داۋام قىلىۋاتقان دىنىي بىلىملەردىن ساۋات ئاڭلىتىلدى ۋە ئىشتىراكچىلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللار سوراپ جاۋابلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش، غىزالىنىش، ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ بولۇشتەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارمۇ بولدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلاردىن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» تەشۋىقات مەسئۇلى ھۈسەنجان ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

پائالىيەتكە قاتناشقان «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە 5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.