گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-فېۋرال» قانلىق قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى ۋە مەدەت تىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن غۇلجىغا يېتىپ بارغانلىقىنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن پۈتۈنلەي باشقىچە بىر تۈسكە كىرگەنلىكىنى، ھەممە جاينى قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە قاپلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەيۋە بىلەن كوچا-كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەنلىكىنى، گەرچە خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ كەينىدە قوراللىق ئەسكەرلەر ھىمايە قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا يۈرەكزادە بولۇپ ئۆيلىرىدىن چىقالمايۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئۆز بايانلىرىدا يەنە «5-فېۋرال» قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، غۇلجىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق ۋە ئۇيۇشقاق ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى، مىللىي ھەمكارلىقنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۆز تۇپرىقىغا بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىليار ئۆمەر ئەپەندىمۇ «5-فېۋرال» غۇلجا ياشلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي زۇلۇمغا قارشى ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رېئاللىقنى خەلقئاراغا ئاڭلاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
