0:00 / 0:00
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى شۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئۆمەرجان بۆرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا شېھىتلىرىگە بولغان ھۆرمىتىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
