5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى ۋە شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر قىلىندى.
پائالىيەت ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
2 سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى «قانلىق قىسمەت، ئىبرەتلىك ھېكمەت، ئۈمىدۋار كېلەچەك» دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى «5-فېۋرالدىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە ۋەقە شاھىتلىرى سۆزگە چىقىپ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتى، تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ھەم غۇلجا ۋەقەسىنىڭ، شېھىتلارنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەر قىلىشتى.
پائالىيەتتە يەنە، ئادىلايد شەھىرىدە خىزمەت ھەم ئوقۇشتىن سىرت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلار ھەم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان قىلغان ئىشلىرىدىن ھەم كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىدىن جامائەتكە دوكلات بېرىپ ئۆتتى.
پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئۆز قاراشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى كۆپچىلىكنىڭ شېھىتلارغا شۇنداقلا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.