5‏-ئىيۇل گوللاندىيەدە تۈركلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.07.07
gollandiye-turk-namayish-uyghur-mesilisi-1.jpg

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەلەردىن كەلگەن مىڭلارچە تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 5-ئىيۇل، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

gollandiye-turk-namayish-uyghur-mesilisi-2.jpg

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەلەردىن كەلگەن مىڭلارچە تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 5-ئىيۇل، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

gollandiye-turk-namayish-uyghur-mesilisi-3.jpg

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەلەردىن كەلگەن مىڭلارچە تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 5-ئىيۇل، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

gollandiye-turk-namayish-uyghur-mesilisi-4.jpg

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەلەردىن كەلگەن مىڭلارچە تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 5-ئىيۇل، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

2015‏-يىلى 5‏-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەلەردىن كەلگەن مىڭلارچە تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىمدىن 9 يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلدى.

نامايىشچى ئامما قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك ۋە قېزىل بايراقلارنى، «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق»، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك»، «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!»، «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەستۇر!» «ئادالەت قەيەردە سەن!» دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېچىنىشلىق سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پلاكات، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق پىيادە يۈرۈش قىلدى.

پىيادە نامايىشچىلار ئاممىنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، موتسىكلىتلىق ۋە ماشىنىلىق بىر گۇرۇپپا ئىشتىراكچىلارمۇ ئەتراپنى زىلزىلىگە سالدى.

پائالىيەتكە ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ، گوللاندىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، مۇستەقىل ئىش ئادەملىرى، ئوقۇغۇچى-زىيالىيلار ۋە دىنىي ئۇستازلار قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ ئاكتىپلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگۈچى بىر جۈپ تۈرك يىگىت-قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەش ئارقىلىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ھەق تەرەپدارى بولۇشقا دائىم تەييارلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

ئىشتىراكچى ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيەگە كەلگەن ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق داغدۇغىلىق بىر نامايىشنى كۆرگەنلىكىنى، تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھېسداشلىق قىلغانلىقلىرىدىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا سۇس قاراۋاتقانلىقىدىن يۈرىكى سىقىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.