تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە ئىمىن ئامېرىكىدا ۋىجدان مەھبۇسى تىزىملىكىگە كىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.07
sandra-jolley-gulmire-imin-2017.jpg ساندرا جوللېي خانىم ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە ئىمىن مەسىلىسىنى تونۇشتۇرماقتا
Photo: RFA


ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى پروگراممىسىنى باشلاش مۇراسىمىدا 2009-بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان گۈلمىرە ئىمىن مەسىلىسى ئالدىنقى قاتاردا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا مەزكۇر پروگراممىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن باشلانغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرگە سىگنال يوللاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇراسىم 6-ئاپرېل ئەتىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ زىيارەتچىلەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىرلەشمە باشقۇرۇشىدىكى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كومىتېت رەئىسى ۋە كومىتېت كومىسسارلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان بىردىن ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى تونۇشتۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت تۈنۈگۈن باشلىغان دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى پروگراممىسىدا خىتاي، رۇسىيە، ئىران، ئېرىترېيە، ۋىيېتنام، بىرما ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقان 11 نەپەر مەھبۇس نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلغان.

ھالبۇكى، باشقا مەسئۇل خادىملار مۇراسىمغا ئۈلگۈرۈپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈنۈگۈنكى مۇراسىمدا پەقەت خىتاي، ئىران ۋە ئېرىترېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈرمىدە يېتىۋاتقان تۆت نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىلا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى.

ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان كومىتېت رەئىسى توماس رىس ئەپەندى، مەزكۇر كومىتېت باشلىغان پروگراممىدا مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلىدىغان شەخسلەرنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ ئېرىترېيەدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان خرىستىئان دىنىي مۆتىۋىرى ئابۇنە ئانتونىئوس مەسىلىسىنى زېممىسىگە ئالغانلىقىنى ۋە 2007-يىلىدىن بۇيان نامەلۇم بىر ئورۇندا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان 89 ياشلىق بۇ كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، سۆز نۆۋىتىنى كومىتېت كومىسسارلىرىدىن بىرى بولغان ساندرا جوللېي خانىمغا بەردى.

ساندرا جوللېي خانىم 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە ئىمىن مەسىلىسىنى تولىمۇ ھاياجان ئىلكىدە تونۇشتۇردى.

ئۇ ئالدى بىلەن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۆزىڭىزنى نەتىجە قازانغان، ئالىي مەلۇماتلىق، ئۆزىڭىز سۆيگەن ۋە ئەقىدە باغلىغان ھەمدە ئىشلەشكە تولۇق لاياقەتلىك بىر ساھەدە ئىشلەۋاتقان بىر ئايال دەپ پەرەز قىلىپ كۆرۈڭ. گۈلمىرە ئىمىن پارلاق كەلگۈسى كەڭ قۇچاق ئاچقان بىر ئايال ئىدى، ئەمما خىتاي ئوتتۇرا سوتى ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان دەقىقىدە يەنى 2010-يىلى 1-ئاپرېل بۇ پارلاق كەلگۈسى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىندى. ئۇ ئەينى يىلى ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن ئىدى.»

گۈلمىرە ئىمىن ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدا نوپۇز قازىنىشقا باشلىغان «سەلكىن تورى» نىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ 2009-يىلى 14-ئىيۇل «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا چېتىپ قولغا ئېلىنغان ھەمدە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، «قانۇنسىز نامايىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىپ، 2010-يىلى ئاپرېل ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

جوللېي خانىم گۈلمىرە ئىمىن ئائىلىسىنىڭ گۈلمىرە تۇتۇپ كېتىلىپ بىر يىلغىچە ئۇنىڭدىن ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى، بىر يىلدىن كېيىن نامايىش مەھبۇسلىرى باش تېما قىلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ھاياتلىقىنى بىلگەنلىكى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى سۆزلەۋاتقان مىنۇتلاردا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

جوللېي خانىمنىڭ كۆزلىرى نەملەنگەن، ئاۋازى بوغۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇ، سۆزلىرىنى يىغا ئارىلاش داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھەر قېتىم گۈلمىرەنىڭ چېھرىگە باققىنىمدا، بۇ گۈزەل ئايالدىن پەقەت بىر نەچچە ئايلىقلا چوڭ بولغان ئۆز قىزىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. يۈرىكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئانىسى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دادىسى ئۈچۈن، ئېرى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭراقى ئۇ، ئۆزى تەۋە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئازاب ئىچىدە پۇچىلىنىدۇ.»

جوللېي خانىم يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە دىنىي يازمىلارنى ساقلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى دىنىي كىملىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ چەكلىمىلەر دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق.»

تونۇشتۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىن كۈتىدىغانلىرى ۋە باشقا تەكلىپ پىكىرلىرىنى بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆز ياردەمچىسى ئۆمەر قانات بىلەن بىللە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ نىزامىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىغا قەدەر تەسىر كۆرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، كومىتېت خادىملىرىدىن خىتايغا بۇ ھەقتە بىر پارچە مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى سورىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 29-مارت «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللىغان ۋە بۇنىڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

50 ماددىلىق مەزكۇر نىزامدا ساقال قويۇش ئۆلچەملىرى ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشكە قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۆرسىتىلگەندىن باشقا، «رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى چەتكە قېقىش، ھالال ئۇقۇمىنى كېڭەيتىش» قاتارلىقلارمۇ «ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم مەزكۇر مۇراسىمدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان مەھبۇسلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتمۇ، خىتاي تۈرمىلىرىگە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ قامالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەھبۇسلار جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ رەۋىشتە تونۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۈلمىرە ئىمىن قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى «سەلكىن» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندىن سىرت، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىدە بولغان.

ئۇ، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «28-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىش ئالدىدا نامايىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان تور بېتىگە چاپلىغان ئىكەن.

مۇراسىم ئاخىرىدا گۈلمىرە ئىمىننى تونۇش جەريانىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى ساندرا جوللېي خانىم مۇنداق دېدى:«گۈلمىرە بىز سىزنى كۆرىمىز، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلىمىز، ھايات ھېكايىڭىز بىلەن تونۇشلۇقمىز. كومىتېتىمىزنىڭ مەقسىتى تونۇلمىغان نۇقتىلارنى تونۇتۇش، گۈلمىرە دەل مۇشۇلارنىڭ بىرى، بىز ئۇنىڭغا سۆيگۈمىزنى يوللايمىز ۋە يار يۆلەكتە بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

گۈلمىرە ئىمىن تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ مەسىلىسى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يوللانغاندىن سىرت، ئۇ 2012-يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى بىر نەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، گۈلمىرە ئىمىن تۇتۇلۇپ ئارىدىن 8 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەھبۇسلۇق تەقدىرىدە بىرەر ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن ئىدى.

ساندرا جوللېي خانىم ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۈلمىرە ئىمىننى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن ھەمدە بۇ يەردىكى ھەممەيلەننى گۈلمىرە، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە پارلاق كېلەچىكىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈچۈن بىرلىشىشكە چاقىرىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.