گۇمادىكى بومبا پارتىلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

10 - سېنتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

خەرىتىدە خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. RFA

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا 10 - سېنتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. كۆكتېرەكتىكى ساقچى ۋە كەنت سېكرىتارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن نۆۋەتتە 10 كىشى توغرۇلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى تارقىتىلماقتا. مەلۇم بولىشىچە گۇماندارلاردىن بىرى بومبا پارتىلىغان گەمە ئورۇنلاشقان ھويلىنىڭ ئىگىسى، 30 ياشلار چامىسىدىكى، كىچىك بىر ئاشخانا خوجايىنى ئىكەن. يەنە مەلۇم بولىشىچە، بۇ گۇماندارنىڭ ئايالى 3 ياشلىق بالىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى گۇما ناھىسىدىكى شاڭگاڭ بازىرىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدە، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا، خوتەن ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا ئاشخانا ئاچقان ئىكەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org