خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلار تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا پەيدا بولۇپ «جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى»
2016.03.02
نامايىشچىلار يوقاپ كەتكەن خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش لى بۇنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلماقتا. 2016-يىلى 3-يانۋار، خوڭكوڭ.
بۇلتۇر 10 - ئايدىن بېرى غايىب بولۇپ كەتكەن خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلار دۈشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنى ياقىلايدىغان خوڭكوڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا پەيدا بولغان. ئۇلار تېلېۋىزىيىدە تارقىتىلغان ئىقرارىدا ئۆزلىرىنىڭ «قانۇنسىز تىجارەت» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بۇ، خوڭكوڭدا ۋە خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ۋە قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ۋەقەگە ئائىت ئەمەلىيەتنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
خوڭكوڭدىكى سۇمۇرغ يەنى خىتايچە «فېڭخۇاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى» دەپ بىلىنىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى ئىدى.
ئۇلار مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 380 نەپەر مۇشتىرىغا جەمئىي 4000 پارچە قانۇنسىز كىتاب ساتقانلىقىنى، بۇ كىتابلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئەكىرگەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، قىلمىشىدىن قاتتىق پۇشايمانلىقىنى «ئىقرار قىلغان».
ئۇلار يەنە خوڭكوڭدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى مەزمۇندا كىتاب نەشر قىلىش بىلەن تونۇلغان بۇ كىتابپۇرۇشلار ئاتالمىش ئىقرارىدا يەنە، نەشر قىلغان كىتابلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بىز بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلدۇق، قىلمىشىمىزدىن تولىمۇ پۇشايمانلىق ھېس قىلىمىز» دېگەن.
سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ساقچى دائىرىلىرىنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ تۆت نەپەر كىتابپۇرۇش ئىچىدىكى 3 نەپىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن پات يېقىندا خوڭكوڭغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان گۈي مىڭخەينىڭ يەنە بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئارقىدىنلا، دۈشەنبە كۈنى سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى يەنە يوقاپ كەتكەن 5 - كىشى ھەم شۇنداقلا ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان لى بۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك «سۆھبەت خاتىرىسى» نى تارقاتقان. لى بو ئېكراندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رەسمىي خەۋەر تورلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە شۇنداقلا سۇمۇرغ قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتقان ھالدا كۆرۈنگەن. ئۇ 20 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ خىتايغا مەلۇم بىر دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە كىرگەنلىكىنى، داۋا ئاياغلاشسا خوڭكوڭغا قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئىقرارنامىسىدە سەپدىشى گۈي مىڭخەينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇق ھەققىدە نۇرغۇن يالغان ئۆسەك سۆزلەر بىلەن تولغان كىتابلارنى بېسىپ تارقاتقانلىقىنى ئېيتىپ «بۇنىڭدا مېنىڭمۇ گۇناھىم بار، شۇڭا مەن بۇ پروگراممىنى پۇرسەت بىلىپ خاتالىقىمنى تونۇماقچىمەن» دېگەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغانلىقىنى، چۈنكى ھېچقاچان ئۆزىنى بىر ئەنگلىيەلىك دەپ ھېس قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى بىر جۇڭگولۇق دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
لى بو بۇلتۇر 10 - ئايدا تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتكەن، گۈي مىڭخەي بولسا ساياھەت ئۈچۈن تايلاندقا بارغاندا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن بولسا خوڭكوڭدا ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە ئېلان قىلغان كىتابى سەۋەبلىك خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا خىتايغا يالاپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇمانلار پەيدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە لى بۇنىڭ خوڭكوڭ چېگراسىدىن چىققانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئۇچۇرنىڭ تېپىلماسلىقى بۇ گۇماننى كۈچەيتكەن.
بىراق، لى بو تېلېۋىزىيىدە ئېلان قىلىنغان ئىقرارىدا «دېلو پاش قىلىشقا ياردەملەشمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، چېگرادىن قانۇنلۇق چىقىشنىڭ ئورنىغا، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چىقىپ، خىتايغا ئوغرىلىقچە كىرىشنى تاللىۋالغانلىقى» نى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن.
بىراق، لى بونىڭ بۇ سۆزلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدا گۇمان قوزغىدى. خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى رىچارد چوي ئىستانسىمىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنى ئەمەلىيەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پروگرامما ھېچقاچان ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن جىنايەت ئىشلىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆزلەر. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى قاتتىق دەپسەندە قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بىر ئادۋوكاتىمۇ يوق.»
رىچارد چوي ئەپەندى يەنە، بۇ 5 نەپەر كىتابپۇرۇشنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەدە ۋە قانداق شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنىلا ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
بۈگۈن، يەنى 1 - مارت كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق ئىستانسىمىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگلىيە دائىرىلىرى كۆپ قېتىم خىتايدىن لى بو بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەيشەنبە كۈنى يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «لى بو ۋە ئۇنىڭ ئايالى كۆپ قېتىم ئەھۋالنى چۈشەندۈردى، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە شۇنداقلا ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سۇليەن بولسا ئىستانسىمىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش، نەشر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ كىشىلەر خوڭكوڭدا سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە كىتاب تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنماسلىقى كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ زادى قانداق قىلىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ بەشەيلەننى مەجبۇرىي ھالدا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكى راست بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولىنىڭ خىتايدىن ئېشىپ، چېگرا سىرتىغىمۇ يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇمۇ بىز باشقا دۆلەتلەردىن دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى.»
خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلار مەسىلىسى چىققاندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نەشرىياتچىلار بىرلىكى، كىتابپۇرۇشلار ۋە ئادۋوكاتلىق جەمئىيەتلىرى، ئامېرىكا «پەن» قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئامېرىكا نەشرىياتچىلار بىرلىكى ۋە ياۋروپا نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلار ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ بەشەيلەننىڭ «مەجبۇرىي ھالدا» خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە خىلاپ ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خوڭكوڭدا پەيدا قىلغان ۋەھىمىسى ئېغىر بولغان. خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن خوڭكوڭدىكى ئاخباراتچىلار، نەشرىياتچىلار ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.









