كانادا: باش مىنىستىر تېرېيدو خىتاي زىيارىتىدە ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
2016.08.22

باش مىنىستىر جۇستىن تېرېيدو 30-ئاۋغۇستتىن 6-سېنتەبىرگە قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 18-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تېرېيدونىڭ زىيارىتى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇ 7 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە يەنە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 4 - ۋە 5-سېنتەبىر كۈنلىرى خاڭجۇدا ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
كانادا ھۆكۈمىتى باياناتىدا، تېرېيدۇنىڭ بۇ جەريانىدا خىتاي رەھبەرلەر، سودا ساھەسى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كەڭ دىئالوگ قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەمما تېرېيدونىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇق قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ؟ بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادالىق سىياسىي مەھبۇس ھۈسەنجان جېلىلغا بۇرالغان.
ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئايالى كامىلە تېلەندىبايىۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى يېقىندا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مەسىلىسى باش مىنىستىر تېرېيدونىڭ كۈنتەرتىپىدە بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كامىلە تىلەندىبايىۋا دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە، پەرزەنتلىرىنى قوينىغا ئېلىشىغا ئۈمىدى ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىر: يېقىندا بەزى بىر خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ، قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىق بار، دەيدىغان. بۇنىڭغا دائىر سىزدە ھەرقانداق بىر ئۇچۇر يوقتۇ؟
كامىلە: ياق، ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. شۇ ئەمدى بىر ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي مەن. نەدىن نەگىچە بولىۋاتىدۇ، بۇ خەۋەرلەر نەدىن نەگىچە، نېمە قىلساق بولىدۇ، دەپ شۇنى ئويلىشىۋاتقانتۇق. ھازىر تەتىل بولغاچقا ھەممە يەر تاقاق.
مۇخبىر: ئۆتكەندە سىز ئوتتاۋاغا بىر بارىدىغاندەك قىلىۋاتىمەن، دېگەندەك قىلىۋاتاتتىڭىز؟ باردىڭىزمۇ قانداق؟
كامىلە: بالا بىلەن بارغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەملىرى بىلەن كۆرۈشكىلى. بېرىپ ياخشى كۆرۈشۈپ كەلدۇق. ياخشى قارشى ئالدى ئۇلار. ئۇلار دەيدۇ، بىز ئەمدى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق 10 يىلنىڭ ياقى. پەسكە چۈشەمىدۇق، بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قوياغلىق. ھازىرقى ئەڭ ئىگىز مۇھىم مەسىلىلەر كۈنتەرتىپىمىزدە. كۈندىلىك دەپتىرىمىزدە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلما، خاتىرجەم بول، دەپ، شۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دەپ شۇنداق جاۋاب بەردى.
بىزنىڭ ئەلچىخانىدىكى ئادەملەر تەرجىمانلىرىمىز ئارقىلىق ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ، دەپ شۇنداق دېيىشتى.
مۇخبىر: بۇ كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا ياكى يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنلىكى توغرىلىق ھەرقانداق مەلۇمات بەردىمۇ سىزگە، بىز ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۇق مۇنداق دەپ؟
كامىلە: بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇ قىز تېلېفون قىلىپتىكەن، خەۋىرىڭ بولۇپ قالسۇن، بىز كۆرۈشكەن ئۆيدىكىلىرى بىلەن. ئۇلار يولدىشىڭنى قەشقەرگە ئاپىرىپتىكەن، ئاشۇ يەردە تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى. ھەممىسى يىغىلىپ كۆرۈشتى. 43 دېدىمۇ 46 دېدىمۇ بەك ئېسىمدە يوق سانى. شۇنچىلىك ئادەم كېلىپ كۆرۈشۈپتۇ. لېكىن قانچىلىك ئۇزۇن كۆرۈشتۈردى ئۇنى بىلمەيدىكەن ئۇ قىز بالا. بىزگە شۇنداق خەۋەر كەلگەن ئەلچىخانىدىن، ساڭا يەتكۈزۈپ قوياي، دېدىم، دەپ تېلېفوندا دەپ بەردى.
مۇخبىر: ھۈسەنجان قارىمىنىڭ ھەدىلىرى بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۈرمىدە كۆرۈشەتتى. بۇ قېتىم ئۇنى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئاپىرىپ قەشقەردە كۆرۈشتۈرۈپتىمۇ؟
كامىلە: ھە، شۇ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئاپىرىپ، بىرەر -ئىككى كۈنلۈك ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئاشۇ قەشقەردىكى تۈرمىگە ئاپارغان ئوخشايدۇ. ئاشۇ يەرگە ئاپىرىپ تۇغقانلىرىغا كۆرۈشتۈرۈپتۇ....لېكىن ئۇ قىز بالا بىزگە ئېنىق دېمەيۋاتىدۇ، نېمە ئىش قىلىشىنى. بىز داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، ماۋۇ بىزنىڭ باش مىنىستىر بارغاندا، ئۇ ماۋۇ 9-ئايدا ماڭىدىغۇ، دەيمەن. شۇ بارغان ۋاقتىدا چوقۇم ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ دەپتىرىمىزدە بار، سەن خاتىرجەم بول، بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دېدى.
ھۈسەنجان جېلىل 2005-يىلى ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، كېيىنكى يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇ يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدىكى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى قىسقارتقان.