ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينى دىنىي، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ سېتىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
organ-tijariti-305.png خەنزۇ دوختۇر ۋاڭ ۋېنيى خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى توغرىسىدا ئامېرىكىدا دوكلات بەرمەكتە.
AFP

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 343‏-نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىنا روس-لېتېنانت خانىم بىلەن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى گېرالد كونوللى 2015‏-يىلى 6‏- ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان.

قارار لايىھىسى بۇ يىل 3‏-ئايدا ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا تەستىقلىنىپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان ئىدى.

قارار لايىھەسىدە، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ سېتىش مەشغۇلاتى تەنقىدلىنىپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشىنى ئىشەنچلىك، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى سورايمىز» دېيىلگەن.

مەزكۇر قارار لايىھەسى 13‏-ئىيۇن كۈنى ئاۋازغا قويۇلغاندا، ئۇ، ئاۋام پالاتا ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنازىرە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلئىوت ئەنگېل نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى «بەك يىرگىنچلىك» دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگېل مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قارار لايىھەسىدە بولۇپمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى ئۇرغۇلاندى. بۇ ئەھۋالنى ماڭا مېنىڭ سايلىغۇچىلىرىم ئىنكاس قىلغان. بۇ قىلمىشنىڭ بولۇپمۇ ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان يېرى، ئۇنىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى خۇسۇسەن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ۋە باشقا دىنىي، مىللىي ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلىشىدۇر. ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى كىشىلەرنىڭ رازىلىقىسىز كۆچۈرۈش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا كىرىدۇ.

ئەمما، بۇ يەردە دائىرىلەرنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك نىشانغا ئېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ بايلىق توپلىشى پەۋقۇلئاددە يىرگىنچلىك. مەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك نەرسە بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.»

خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ سېتىش 1990‏- يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. پائالىيەتچىلەر، بۇ سودا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش بىلەن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

بۇنى كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئادۋوكات ئېتان گۇتمان ئۆزىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. گۇتماننى ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ۋە بۇرۇن خىتاي ئەدلىيە ساھەسىدە ئىشلىگەن بەزى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار دەلىل بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسىدە ئېتان گۇتماننىڭ دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 1990‏-يىللاردا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشقا باشلىغان» دېيىلگەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى قانداق ئىجرا قىلىشىغا قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىگە ئارىلاشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر: «ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم ماقۇللىغان بۇ قانۇنىدىن ناھايىتى خوش بولدۇق. روس-لېتېنانت ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە داۋاملىق باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر خانىم. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرۋا قىلماسلىقىغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ ئىشقا مۇكەممەل ئىچكىرىلەپ كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق سىياسىي مەھبۇس دەپ تۇتۇپ ئاپىرىپ، ئىچى باغرىنى سېتىش جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى، خەلقئارا سوت قىلىنىشى، بۇلارنى تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا سودىسىدا بىڭتۇەننىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىڭتۇەن تۈرمىسىدە يوقاپ كەتكەن بالىلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بىڭتۇەن ھازىر مىڭلارچە دوختۇرخانا ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى سېتىشتا ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. تۈرمىلەردىن ياش بالىلارنى ‹بىڭتۇەن تۈرمىسىگە ئاپىرىمىز› دەپ بىڭتۇەن تۈرمىسىگە بارغاندىن كېيىن قايتىپ كەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن پاتىگۈلنىڭ بالىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئاشۇنداق 16 ياشتىن تارتىپ 35 ياشقىچە بولغان ياش بالىلار تۈرمىدە، دوختۇرخانىدا غايىب بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىز يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، بۇنى توختىتىپلا قالماستىن، مۇشۇ يوقالغان ئادەملەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنىڭ ئىز ‏- دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىش.»

ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا مەزكۇر مەسىلىگە تەپسىلىي ئورۇن بېرىشى تەلەپ قىلىندى. ئۇنىڭدا، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ھەر يىلى ئاۋام پالاتاسىغا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا دائىر ئالاقىدار قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىللىئوت ئەنگېل ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇنازىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھەم ئادەمنى چۆچۈتەرلىك بىر قىلمىش. شۇنى تەكرارلايمەن، بىز بۇ ئىشنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك. بۇ قارار لايىھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى ۋە باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى جازالاشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرىدۇ.»

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە ئۈندىگەن.

لېكىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسى دەرھال خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، «مەزكۇر قارار لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەرسىلەر پۈتۈنلەي تۆھمەت» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.