ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇربىز تورىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ۋەقەدە غايىب بولغۇچىلار ھەققىدە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز مىللىي سىياسىتىنىڭ رايوندىكى بىرقاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان «توغرا سۆزلۈك ئۇيغۇر زىيالىيسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەردە، ئىلھام توختى ئەپەندى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان بىرقاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا رايوندا يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق توقۇنۇشتىلا 56 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك ئەھۋالنى مىسال ئېلىپ، «ھەر قېتىم مەسىلە چىققاندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان بىرىنچى ئىنكاسى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش، باستۇرۇش يەنە باستۇرۇش دېگەن شوئار بولۇپ كەلدى. بۇ تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. ھۆكۈمەت ئويلىنىشى كېرەك. شىنجياڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك!» دەيدۇ.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى پروگراممىسىدا ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى بېرىلگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ،سوراق قىلىنغان مەزگىلدىلا پىكرىنى بايان قىلىپ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋەرسە، رايوندا تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 5 يىل ياكى 10 يىل ئىچىدە بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ بىرلىشىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ياردەم بېرىش نامىدىكى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ۋە بايلىق تەقسىماتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان، شىنجياڭدا پاراۋانلىق ياردەم قۇرۇلۇشى نامىدا، نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر سېلىندى. ئەمما بۇ ئۆيلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى بىڭتۈەنگە ۋە يېڭى كەلگەن(خىتاي)كۆچمەنلەرگە بېرىلدى. ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئاقسۇدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇ يەردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئۆيلەر يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تەقسىم قىلىنمىغان. ھۆكۈمەت شىنجياڭدا كۆپلىگەن سانائەت تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنى كۆچۈرۈپ ئەكەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن يەنە تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچمەنلەرمۇ بىللە كەلدى؛ مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىنجياڭدا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دەيدۇ، ئەمما مېنىڭچە، دەل ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ. بارغانچە نامراتلاشقان ئاۋام پۇقرا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىر كىلوسى 60 سومغا چىققان گۆشنى ئېلىپ يىيەلەمدۇ؟»

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ «ئۇيغۇرلار ماددىي مەنپەئەتتە چەتتە قالدۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، مەنىۋىي جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتىمىز دەپ قارامدۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«سىز ئۇيغۇربىز تورىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرەمسىز، بۇنى بىلمەيمەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىز شىنجياڭدىكى باراۋەرسىزلىك مەسىلىسىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىۋاتىمىز. 2013-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن يىلى دېيىشكە بولىدۇ. 90-يىللاردىن ئىلگىرى رايوندا دائىرىلەر ساقال-بۇرۇت مەسىلىسىدە بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك ئەسەبىي ھالەتتە ئەمەس ئىدى. ھازىر رايوندا ساقال-بۇرۇت ۋە كىيىنىشكىمۇ ھەر خىل چەكلىمىلەر قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق جايدا كۆرۈلمىگەن ھاماقەتلىك. بۇ خىل قانۇنسىز، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان زىيادە چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلار ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۆڭلىدىكىنى دېمەيدىغان،ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان، نارازى بولىدىغان كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتتى. ئۇلار ئەسلى بۇ خەلقنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۇتۇق قازىنىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەكسىچە، بۇ مىللەتنى ۋەيران قىلىشقا، مەغلۇپ قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلار ئارزۇ قىلغان مۇقىملىققا ئېرىشىش ئەمەس ئەكسىچە، بۇ مىللەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.»

ئىلھام توختى ئەپەندى 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە دائىرىلەر تەرىپىدىن يەنە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ھەر قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ۋەقەلەر چىققاندا، ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا پىكىر بايان قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ساقچىلارنىڭ 24 سائەت نازارەت قىلىشى ھەتتا تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىنىشىدەك قىسمەتلەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى، ئەمما بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.