خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش دۆلەتنى پارچىلاش«جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى،خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بايانات ۋە ئىنكاسلارنى قايتۇردى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندى.
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللا ئەھەت «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى»تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق يازىدۇ: پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغا تايىنىپ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
خىتاي مۇستەملىكە كۈچلىرى، پەخىرلىك ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قانۇنسىز قولغا ئېلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىغان قانۇنسىز سوت ئىكەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا دۇنيا خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋالماسلىققا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەخلاقى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇل ئەھەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا قوللانغان جازاسى ،خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ دېگەن زىيالىيلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ دېدى.
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» مەسئۇلى تۇرغۇن ھىمىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. زىيالىي مۇھەممەت ئۇيغۇر، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈلمىسى ھامان تارىخ سېپىدىن قېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.