2-دېكابىر گېرمانىيەدە تونۇلغان سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىدىن مارگارىتا باۋزې خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم 2-دېكابىر كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن رادىيومىز ئىختىيارى مۇخبىرى ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ، 12-دېكابىر كۈنى پارلامېنت بىناسىدا چاقىرىلماقچى بولغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلايسىلەر.
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-دېكابىر كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پارلامېنت بىناسىدا چاقىرىلىدىغان بۇ مۇراسىمنىڭ ساھىبخانىلىق ۋەزىپىسىنى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم ئۈستىگە ئالغان. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن بىر قىسىم سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە گېرمانىيە ھەم باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىللەت ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ مۇراسىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا، 2-دېكابىر كۈنى بىز گېرمانىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي شەخسلەردىن بىرى بولغان مارگارىتا باۋزې خانىمنى باۋارىيە پارلامېنتىدا بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ساھىبخانىلىق قىلىشىغا ۋە ئاخىرقى يىللاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
باۋزې خانىم بىزنى 2-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تە پارلامېنت بىناسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. تۇنجى سوئالىمىز: «12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋېتىپسىز. سىزنىڭ بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزغا سەۋەب بولغان ئامىللار نېمە؟» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. مارگارىتا باۋزې خانىم سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاخىرقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئەركىنلىك جەڭچىلىرى، ھەتتا سۆز ھەققى ئىستىگەن ئۆكتىچىلەر ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچرىدى، تۈرمىلەرگە بەند قىلىندى. كۈنىمىزدىكى ئاخىرقى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىنماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنماقتا. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى؛ ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىدۇر. ئىلھام توختى گۇناھسىز ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچراپ، تۈرمە ئازابى تارتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە قانچىلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قانداق تەقدىرلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. پۈتۈن بۇ زۇلۇملار بىزنى خىتاينىڭ زوراۋانلىقلىرىغا جىددىي بىر ئىنكاس بىلدۈرۈشكە، قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قىستىماقتا. بىزنىڭ تەخىرسىز ھالدا يېڭى بىر ھەرىكەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز، بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشىمىز، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشىمىز ھەم جاھانغا جاكالىشىمىز لازىم بولماقتا. بىز باۋارىيە پارلامېنتىدىكى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بۇ ئىرادىمىزنى جاكارلاشنى ۋە خىتايغا سىگنال بېرىشنى لايىق كۆردۇق. بىزنىڭ ئىلھام توختىغا ئىگە چىقىشىمىز، خىتاي زۇلۇمىغا ئىنكاس بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر».
مارگارىتا باۋزې خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق باش شتابى جايلاشقان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سىياسىي يىغىلىشلىرىغا، نامايىشلىرىغا قاتنىشىپ، گېرمانىيەدىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى، ئۆزىنىڭ شەخسىي دوستلۇقىنى ئىپادە قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي زات بولۇپ، ئالدىنقى ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆز ئىشخانىسىدا رابىيە خانىم باشلىق د ئۇ ق نىڭ بەش نەپەر رەھبىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان قوللاش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى. بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا كەڭ تۈردە چاپلانغان «يېشىللار پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش» تېمىسىدىكى لوزۇنكىلار، چوڭ ئېلان تاختىلىرى، تام گېزىتلىرىدە مارگارىتا باۋزې خانىمنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرەتلىرى ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقماقتا.
مارگارىتا باۋزې خانىم «سىز يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن قوللاپ كېلىۋاتىسىز. بۇنىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. د ئۇ ق نىڭ ساھىبخانلىقىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، كىشىلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا تېرىشىۋاتىمەن. مېنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇمغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ماڭا ئوخشاش ئۆز خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان بىر پارلامېنت ئەزاسىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئىنتىلگەنلىكىدۇر. خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قىممىتىنى يۈكسەلتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك كۆپ ھەقسىزلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر بېسىم يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىشىمگە تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى قوللاش مەجبۇرىيىتىم بارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يوللاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىك كۈرەشلىرىگە ھەسسە قوشۇش نىيىتىگە كەلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ھالەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىستىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم-سىتەملەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن چامىمنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىشقا بەل باغلىدىم».
مارگارىتا باۋزې خانىم بۇ يەردە تىلغا ئالغان خىتاي كونسۇلى ۋەقەسى بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2006-يىلى ئىيۇل د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، گېرمانىيە ۋە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان. خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ئۆز جاسۇسلىرى ئارقىلىق بۇ يىغىن توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مارگارىتا باۋزې خانىمنى ئالايىتەن زىيارەت قىلىپ، باۋارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانچە 10 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم بارلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭدىن د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلتىيىغا بارماسلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مارگارىتا باۋزې خانىم شۇئان رەددىيە بېرىپ، «مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلىشىمنى خىتاي بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. سىلەرنىڭ ماڭا بۇنداق بىر تەلەپنى قويۇش ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق. ئەجەبا، مېنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىمنى سىلەر نەدىن بىلدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. خىتاي كونسۇلى بولسا «بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇچۇر مەنبەلىرىمىز بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مارگارىتا خانىم «سىلەر جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپسىلەر» دەپ خىتاي كونسۇللىرىنى ئىشخانىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ ۋە كېيىن خىتاي كونسۇللىرىنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ باۋارىيە سوتىغا تاپشۇرىدۇ.
مارگارىتا باۋزې خانىم بۇ ۋەقەنى شۇ چاغلاردا گېرمانىيە گېزىتلىرىدە ئېلا قىلىپ، گېرمان جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق چوڭ يىغىنلاردا، ھەتتا پارلامېنتنىڭ يىغىنلىرىدا، ئۇ بۇ ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدىمۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەكرار تەكرار بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، بۈگۈن مارگارىتا باۋزې خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تولۇمۇ مەزمۇنلۇق ۋە تەسىرلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا، بىز يەنە مارگارىتا خانىمدىن گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقى، بېرىمىن پارلامېنتىنىڭ بۇ يىل يازدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق 16 ماددىلىق قارار لايىھىسى ماقۇللىغانلىقى ۋە باۋارىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقى، مارگارىتا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قانداق بىر تەكلىپ-تەۋسىيەلىرى بارلىقى توغرىسىدىمۇ سوئاللار سوراپ، تېگىشلىك جاۋابلارغا ئېرىشتۇق.