ئۇيغۇر ئېلىدا 12 - سىنتەبىر كۈنى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت توربەتلىرىگە، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستلىرىگە قارىتىلغان تەقىب ۋە قامالنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان يېڭى قارارلار ئېلىنغان. قارارلارنىڭ بىرىدە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بېكەتلىرىدە چوقۇم پارتىيە ياچىيكىسى ۋە پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، تور بەتلەر پارتىيىنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىكىر - ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامال قىلىش نىيىتىدە ئېلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشنى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدا «تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت - ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە تور بەتلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، توردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش، ئۇنى يېتەكلەش، باشقۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەر بەلگىلەپ چىقىلغان. يىغىن ھەققىدە تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور سېستىمىسىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بارلىق تور بىكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىنغان. جۈملىدىن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تور پونكىتلىرى چوقۇم پارتىيە ياچېيكىسى ۋە پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇشى، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش شەرتى ھازىرلىمىغان تور پونكىتلىرىغا يېتەكچى ئەۋەتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تور پونكىتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
يىغىندا يەنە تۆۋەندىكىلەر تەلەپ قىلىنغان : «ئالاقە تورىنى قەتئىي ھەم ياخشى باشقۇرۇپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تور پونكىتى قۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك... توردا ئىجابىي تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەش؛ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەم قارالمىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەسىس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش؛ توردا ئۆز نامىنى قوللىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدىكى مۇقىم ۋە كۆچمە تېلېفون ئابۇنىلىرى، ئالاقە تورى ئابۇنىلىرى، تور پونكىت (مۇنبەر) لەرنى %100 ئۆز نامى بىلەن باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
يىغىندا يۇقىرىدىكى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاشمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ماددىلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېلىدا ئەسلىدىلا ئىنتايىن قاتتىق قامال ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا ئېلىنغان بۇ يېڭى قارارلار كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۈگۈن ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مەدېلىن ئېرپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئىنتايىن قېيىنلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئۇيغۇر ئېلىدا ئاللىقاچان چىڭ باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر شارائىتتا، ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قېيىن. خىتايدا ئىنتېرنېتكە قارىتىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك قامالنىڭ دەرىجىسى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئالاھىدە يۇقىرى. بۇ خىلدىكى قانۇن - تۈزۈملەر مەنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى چەكلىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە كىشىلەر قورقۇپ ئاخىرى ئىنتېرنېتتە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىپادە قىلمايدىغان بولىدۇ.»
خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن قاتارلىق داڭلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى ۋە بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرىنى «قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش، كۈشكۈرتۈش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نىجات ئازاد ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىقلار ھېلىھەم تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى، تەقىبنى قاتتىق كۈچەيتكەن ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسز داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. تېخى بىر قانچە ئاي ئاۋاللا يەنە بىر داڭلىق مۇنازىرە تور بېتى بولغان مىسرانىم ۋە بوزقىر تورلىرىنىڭ تاقىلىشى ۋە بۇ يىل 3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاز دېگەندە 5 نەپەر تور قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭ مىسالى بولسا كېرەك. ئەمما دائىرىلەر ئىنتېرنېت تورىدىكى ئۇچۇرلارنى، مەزمۇنلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە قاتتىق جىددىيلەشمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدا ئېچىلغان يۇقىرىدىكى يىغىندا تۆۋەندىكىلەر قاتتىق تەكىتلەنگەن : «... دائىرىلەر توردا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان تور جامائەت پىكرى، بولۇپمۇ زور سەزگۈر، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ توردىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، پىتنە - ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئىغۋاگەرچىلىك، تېررورلۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۆز مەيلىچە تارقاتقانلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە كۈشكۈرتكەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، شايكا تەشكىللىگەنلەر ۋە نۇقتىلىق ئادەملەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، خەلقئارا جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدېلىن ئېرپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ مۇشۇ ھەقتە داۋاملىق تەنقىدلەشكە ئۇچراۋاتقىنىغا قارىماي، يەنە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى تەكرارلىشىنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ زور تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۇرىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەربىر پۇرسەتتە بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاۋازغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇن - تۈزۈملىرىنىڭ مەقسىتىمۇ پۈتۈن خەلقئارا جامائەتنى جىمىقتۇرۇش. شۇڭا بۇ مەسىلىدىكى بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇش مەيلى ئۇنىڭ تەسىرى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى بولامدۇ ياكى ئىلھام توختىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىشى بولامدۇ، مۇشۇلار ھەممىسى بىر تىرىشچانلىق. شۇڭا بۇلارنىڭ داۋام قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.»
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت - ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەممە ساھەلەردە زور دەرىجىدە چېكىنىش بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان سىىياسەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك قاتتىق قوللۇقلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنماقتا. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى باش نىشان قىلىشى» كېرەكلىكى ھەققىدە قىلغان يوليورۇقىنى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بازارغا سېلىنىشى، دەپ باھالىغان ئىدى. دەرۋەقە، يۇقىرىدىكى ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكى پارتىيە خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنى مۇتلەق ھالدا كونترول ئاستىغا ئېلىپ باشقۇرۇش تەكىتلىنىپ «جايلار، تارماقلار ئالاقە تورىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت تەلىپى بويىچە، خىزمەت تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە پۈتكۈل تورنى بىر تاختا شاھمات قىلىپ، ئاپتونوم رايون تورىنىڭ «پاك زېمىن، سۈزۈك ئاسمان» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ يوليورۇق بەرگەن.
0:00 / 0:00
