بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا كۆرسىتىلگەن «جازا لاگېرى تىياتىرى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2019-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
REUTERS

ھاۋا بىردىنلا بۇزۇلۇپ، شارقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. يامغۇردىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، دەريا تەرەپتىن مۇزدەك شامال كېلىشكە باشلىدى. كۆۋرۈك ئۈستىدىكى پىيادىلەر يولىدا بىر ئايال، ئۈچ ئەر كىشى بولۇپ، جەمئىي تۆت ئادەم تىزلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ قول بېغىشلىرى ئارقىغا قىلىنىپ پىلاستىك يىپ بىلەن مەھكەم باغلانغان ئىدى. پۇتلىرى بولسا ئوشۇقىدىن بىر بىرىگە چېتىلغانىدى. بىر گۇندىپاي «مەھبۇسلار» نى ئىتتىرەتتى، تېپېتتى، يەرگە بېسىپ يۇمىلىتاتتى.

يان تەرەپتە قويۇلغان ساندۇق شەكلىدىكى ئىككى كارنايدىن ئىنگلىز، گېرمان ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۇقىرى ئاۋازلىق شاۋقۇن-سۈرەنلەر ياڭرىماقتا ئىدى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىنقىلابىي ناخشىلىرى قويۇلۇپ، شى جىنپىڭ مەدھىيەلەنمەكتە، خىتايدا كوممۇنىستىك ئىدىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىدىيە ياكى دىنىي ئېتىقادنىڭ يوقلۇقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كۆرسىتىلمەكتە ئىدى.

بىر نەچچە قەدەم يىراقلىقتا تۆت بۇرجەكلىك بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، چېدىر ئەتراپى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلار بىلەن تولغان ئىدى. چېدىرنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. بېشىغا كەشتىلىك ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىۋالغان ئوتتۇرا بويلۇق بىر تۈرك ئايال ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى بېسىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بىر قانچە ھەمراھلىرى يولدىن ئۆتكەنلەرگە يەردە ئولتۇرغان «مەھبۇسلار» نى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرلار ناھەق قامالغان جازا لاگېرى ھاياتىنى بىر نەچچە مىنۇت سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولغان يولۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالاتتى. بەزىلىرى ماقۇل بولۇپ، چېدىر ئىچىگە قويۇلغان مەھبۇس كىيىملىرىنى كíيىپ، قول-پۇتى باغلانغان ھالدا نەم يەرگە تىز چۆكەتتى.

بۇ «لاگېر» ئۇيغۇر دىيارىدىن تولىمۇ يىراقلاردا، يەنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىدىكى كۆۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.

بىز كەشتىلىك دوپپا كىيگەن تۈرك خانىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدۇق: «بۇ پائالىيەتنى پىلانلاشتىكى مەقسىتىمىز شۇكى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان بىر ئاۋاز بولۇشقا تىرىشماقتىمىز. بىز ھاجىۋات تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹سىزنى بىز ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىڭ دېمىدۇق، ئەمما بىزنىڭ ئاۋازىمىزغا، نىدايىمىزغا قۇلاق سېلىڭ ۋە قولىڭىزدىن كەلسە ئاڭلىمىغانلارغا ئاڭلىتىڭ› دېگەن تەلىپىنى قوبۇل قىلدۇق. ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىمىزنى، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەكچى بولدۇق. ھاجىۋات تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش پىرىنسىپى بولغان سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەرنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈشكە ئاتلاندۇق. بىز بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ھەپتىلەردىن بېرى تەييارلىق قىلدۇق. بىز گېرمانىيەنىڭ كۆلن، ميۇنخېن، ھامبۇرگ، فرانكفۇرت، بېرلىن دېگەندەك ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىن كەلدۇق. بىز بۇ پائالىيىتىمىزنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە باشلىغان ئىدۇق. دوستلىرىمىز شۇنىڭدىن بېرى مانا مۇشۇ ھالەتتە ئولتۇرۇۋاتىدۇ. مەقسىتىمىز باشقا يەردىكى ئىنسانلارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئازابلىرىنى ھېس قىلىپ باقسۇن، ئۇلارنى بۇ چىدىغۇسىز ئازابتىن بالدۇرراق قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىسۇن، دېيىشتىن ئىبارەت.»

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى خالىل ئەردەم ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى ھېچقانداق بىر دۆلەتتىكى زۇلۇملار بىلەن سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ. ئىنسانلار پەقەتلا مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرلىرىغا بەند قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتاي دۆلەت باشلىقلىرىنى مەدھىيەلەشكە، خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈشكە، ئۆز دىنىي-ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشتەك مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بىز 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان بۇ رېياللىقنى ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇب بىلەن، يەنى تىياتىر شەكلىدە سەھنىلەشتۈرۈپ باشقىلارغا كۆرسىتىۋاتىمىز. بۇنداق ناھەقچىلىككە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ھەر بىر ئادەم ئۆز ۋىجدانىدىن سورىسۇن.»

بۈگۈنكى تىياتىردا مەھبۇس رولىنى ئالغان خالىل ئەردەم ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە رول ئېلىش ئېھتىياجىدىن تارتقان ئازابىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار تارتىۋاتقان ئازابنىڭ يۈزدىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ رول ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىۋاتقانلىقىنى ئاز بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىدۇق. تۆت سائەت جەريانىدا ئازراق مىدىرلىساقلا پۈتۈن بەدىنىمىز چىدىغۇسىز ئاغرىدى. ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزەن يامغۇردا قېلىش تولىمۇ ئازابلىق. ئەمەلىيەتتە بۇنداق تىياتىر ئويۇنىنى ئويناشنىڭ ئۆزىمۇ ئازابلىق.»

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنى ھاجىۋاد تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن شەرقى تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنى ئەقىدە خانىممۇ ئۇزۇن يول بېسىپ ميۇنخېن شەھىرىدىن بېرلىنغا كېلىپ بۇ تىياتىردا رول ئالغانىدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇردۇم. بىز مۇشۇ سوغۇق يامغۇرلۇق ھاۋادا بەش سائەت ئولتۇردۇق. ھەممە يېرىمىز ئاغرىدى. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلىسام ئىچىم سېرىلىدۇ.»

ھاجىۋات تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۆزئارا تەشكىللىنىپ ئۇيۇشقان، سايە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارىلىق ئوينىلىدىغان تىياتىر ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتىدۇر. بۇ جەمئىيەت ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان قىزىقارلىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ جەمئىيەت ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت