جەنۋەدە خىتاينىڭ ب د ت غا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2016.03.16
تارىخچى توختى مۇزات.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 31 - نۆۋەتلىك يىغىنى 28 - فېۋرال باشلانغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ 14 - مارت ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ۋەزىيىتىنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش ۋە پۇقرالار جەمئىيتىنىڭ تېخنىكىلىق باھاسى» ناملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاش يىغىنىغا د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ پروگرامما يىتەكچىسى پېتېر ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ 2013 - يىلى ب د ت غا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىننى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، د ئۇ ق، تىبەت ئادالەت مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلار قوللىغان. يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى ساراھ، خىتاي ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تېڭ باۋ، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىدىن پادما دولما، د ئۇ ق دىن پېتېر ئىرۋىن قاتارلىقلار سۆز قىلغان.
پېتېر ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013 - يىلى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىدا ب د ت غا ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ( ئىچكىي موڭغۇل) ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت مەسىلىلەردە ب د ت غا ۋەدە بېرىپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا زور ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، رېئاللىق خىتاي بەرگەن ۋەدىنىڭ ئەكسىچە بولغان.
پېتېر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2013 - يىلىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي تەرەپكە 250 دىن ئارتۇق سوئال ۋە تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت بەزى ئېغىر مەسىلىلەرنى جىددىي تۈزەشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 250 سوئال ھەم تەكلىپنىڭ بەزىلىرىگە نەق مەيداندا جاۋاب بەرگەن. بەزى تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە بەزى تەكلىپلەرنى رەت قىلغان. قوبۇل قىلغان تەكلىپلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن 2 يىل ۋاقىت تەلەپ قىلغان.
10 - مارت كۈنى ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2013 - يىلى خىتايغا قويۇلغان سوئاللار ۋە تەكلىپلەرنىڭ شاھىدى بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىلىق ئۆز ئەسلىمىسىنى تىلغا ئالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ھەققىدە كونكرېتنى تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ پروگرامما يىتەكچىسى پېتېر ئەپەندى 14 - مارت جەنۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان بېسىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىغا بولغان چەكلىمىلەرنى يوق قىلىش جەھەتلەردە ب د ت غا بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىلىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نىقابى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، «قوش تىللىق مائارىپ» دېگەن نام ئاستىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان.
پېتېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە تۈرمىلەرگە سولانغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا تاشلانغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزارت ئەپەندى تىلغا ئېلىنغان.
تىبەت ۋە ئىچكىي موڭغۇل ۋەكىللىرىمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئوخشاش قاراشنى تەكىتلەشكەن ۋە تىبەت ھەم ئىچكىي موڭغۇلدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ يىلسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى، بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
مەلۇمكى، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 31 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا باشلىق 12 دۆلەت ۋەكىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ كۈچلۈك ئىتىراز بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ پروگرامما يىتەكچىسى پېتېر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، 14 - مارت ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئېتىرازى ئۈنۈم بەرمىگەن. تىبەت ۋە ئىچكىي موڭغۇلىيە ھەمدە دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆز ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ھەر قاچانقىدىن ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.









