خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئەندىشە قوزغاۋاتقان پەيتتە، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئۇچۇر تورىدا يەنە 29-ماي ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونىدىكى قەبرىستانلىق ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى جايلاشقان ئورۇنغا 50 نەپەر قوغدىغۇچى خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى چاپلانغانلىقى بايقالدى. ئېلاندا 8 مىڭ يۈەن يۇقىرى مائاش بىلەن بۇ ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان قوغداش خادىملىرىغا بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مۇھىتى سەۋەبلىك «ئادەتتىكىدىن ساغلام ۋە قورقماس بولۇش» شەرتى قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغىلا 50 نەپەر كۈچ-قۇۋۋەتلىك قوغدىغۇچى قوبۇل قىلىشى بەزىلەردە ھەر خىل پەرەزلەرنى قوزغىغان بولۇپ، بۇنى خىتاينىڭ مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەر بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغان گۇمانلىق قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. نېمە ئۈچۈن بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا قورقماس ۋە ئادەتتىكىدىن ساغلام مۇنچىۋالا كۆپ قوغدىغۇچى كېرەك بولۇپ قالدى؟
بىز ئۈرۈمچى ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ 50 قوغدىغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا بېرىلگەن تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم ئادەم ئېلىش ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز يەنە ئۇنىڭدىن بۇ جايدا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ جەسىتى كۆيدۈرەلەمدۇ؟ دەپ سورىدۇق، ئۇ قىسقىلا قىلىپ، «تېخى ئۇنداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىدۇق» دەپلا تېلېفوننى قويدى.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى 50 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان ئورۇن، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى «توققۇز ئەجدىھا ئىستىراھەت باغچىسى» دەپ نام قويۇلغان، جەسەت كۆيدۈرۈش-دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىرلەشكەن زور كۆلەملىك قەبرىستانلىق بولۇپ، بۇ «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، زامانىۋىلاشقان ۋە مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق» دېيىلگەن. بۇ ئورۇن 2003-يىلى بىڭتۇەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئورۇن بولۇپ، بىڭتۇەن 12 دېۋىزىيە، 104-پولكىنىڭ 320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، خىلۋەت جايغا ياسالغان ئىكەن. ھازىرغىچە خىتايلارنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەن مەزكۇر ئورۇننىڭ نېمە سەۋەبتىن توساتتىن 50 قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە يەنىلا يېشىلمىدى.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، دەپنە ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىسلامى يوسۇندا ئېلىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مېيىتقا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر مىللەت. ئۇيغۇرلار جەسەتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۆيلىرى ۋە مەسچىتلەردە تەييارلاپ، نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن تۇپراققا دەپنە قىلىدۇ، ئائىلىدە ياكى باشقا ئورۇندا نەزىر چىراغ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيدۇ. دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتكەندىن باشقا جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خىتاي نوپۇسى يەنىلا ئىنتايىن ئاز سانىلىدىغان بىر قىسىم ناھىيەلەرگىمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە دەپنە مۇراسىم ۋە ياكى دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى دېگەندەك جايلارنى قۇرۇۋاتقانلىقىمۇ غەلىتە بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن.
«شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دا، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تارقىتىلغان قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئېلانىدا، قەشقەر يوپۇرغا ناھىيەسىگە قۇرۇلماقچى بولغان «يوپۇرغا ناھىيەلىك مۇسۇلمانلار دەپنە مۇراسىم قۇرۇلۇش پىلانى» غا ھۆددىگەر چاقىرىلغان بولۇپ، توردىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قۇرۇلۇشقا دائىرىلەر 10 مىليون خەلق پۇلى مەبلەغ سالغان. 2016-يىلى 24 نومۇرلۇق ھۆججەت بىلەن بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تەستىقى چۈشكەن ئىكەن.
ئۇنداقتا خىتاي دائىرىلىرى بارلىق جايلاردا مەسچىتلەرنى چېقىپ يوقىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە يوپۇرغىدا بۇنچە مەبلەغ ئاجرىتىپ، مۇسۇلمانلارغا دەپنە مۇراسىم ئورنى قۇرۇشىنىڭ مەقسىتى نېمە ؟ نېمىشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلەردە كوللېكتىپ ھالدا جىنازا نامىزى ئوقۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە يول قويماي، مەخسۇس دەپنە مۇراسىم ئورنى قۇرىدۇ؟ بۇ گۇمانلىق نۇقتىلارغا جاۋاب ئېلىشقا تىرىشتۇق ئاخىرى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى مەلۇم يېزىلىق پارتىيە گۇرۇپپا ئىشخانىسىدىن بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
گەرچە بۇ ئۇيغۇر كادىر يوپۇرغىغا يېڭىدىن دەپنە مۇراسىم ئىشلىرى ئورنىنى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەن-پۈتمىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ دەپنە مۇراسىم ئورنىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئېيتتى.
بۇ كادىرنىڭ قىياسىچە، يەنە بۇرۇن يۇرت ئىچىدە ئىگە-چاقىسىز ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنى جامائەت ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ كۆمۈپ دەپنە قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداقلارنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدىكەن. چۈنكى ئىگە-چاقىسىز، قېرىپ كەتكەن ئاغرىقچان دېھقانلارنىڭ سانىنى ئېلىش ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلاردا مەخسۇس جەدۋەل تارقىتىپ، ئۇيغۇر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانچە ئەمەس بەلكى خىتايلارغا ئوخشاش جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغۇزغانلىقى ھەققىدە ئېنىقسىز ئۇچۇرلار تارالغان، ئەمما بۇ ئەھۋاللار تېخى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلاردىن سۈرۈشتۈرۈلۈپ دەلىللەنمىگەن ئىدى. بۇ كادىردىن بۇ ھەقتە سورىغىنىمىزدا، يوپۇرغىدا ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بويىچە پارتىيەلىك كادىرلار ئىچىدە جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغانلارنىڭ ھازىرچە، 4، 5 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ 1992-يىلى تارقىتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان دەپنە ئىشلىرى مىزانىدا، گەرچە خىتاي مىللىتىدىكىلەر ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىنىڭ بىردەك كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تۇڭگان، تاجىك قاتارلىق ئوندىن ئوشۇق مىللەتننىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئېلىپ بېرىشىنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىشى شەرت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل مىزانلىرىغا كېيىن قوشۇمچە يەنە، ئەگەر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز رازىلىقى بىلەن مېيىتىنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى تاللىغان بولسا ھېچكىمنىڭ دەخلى قىلىش ھوقۇقى يوقلىغىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە دەپنە ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا توسالغۇلۇق قىلىشى دىنىي ئەركىنلىك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا چېتىلىدىغان ئىنتايىن جىددىي ۋە نازۇك بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نامىدا ئېلىپ بارغان قاتتىق زەربە بېرىش سىياسەتلىرىدە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە مۇراسىم ئىشلىرىغا 15 ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشماسلىق، ئۆز قورۇسىدا ناماز چۈشۈرمەسلىك، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزمەسلىك، ئادەم يىغىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بەزى جايلاردا قوللىنىلغان ۋاسىتىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى شەكىللىنىپ داۋاملىشىپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش دەرىجىگە يەتمەكتە.
خىتاينىڭ لاگېرلارغا سەۋەبسىز قامىۋالغان مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى قاچان قويۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە ياكى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر ۋەزىيەتتە يەنە ئۇنىڭ جايلاردا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكغۈچىلەردىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ كۆزىتىشىچە، ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن بىر يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا، يۇقىرىقىدەك ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن، «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارامدۇ؟» دېگەندەك ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن.
پەرھات ئەپەندى يەنە خىتاي قوراللىق ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى، ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەلىرىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئويلىغاندا، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00