كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە 5 - ئىيۇل قۇربانلىرى ئەسلەندى

0:00 / 0:00


2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىلقى مۇناسىۋىتى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 5 - ئىيۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىندى.

نامايىشىنى مەزكۇر شەھەردە ياشاۋاتقان ئۆمەرجان بۆرە تەشكىللىدى.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەرجان بۆرە بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇملارنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ھەمدە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلەپ تۇرۇشتا بەك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىش شۇ جاي ۋاقتى سائەت ئىككىدىن بەشكىچە داۋاملاشتى.