خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كانادادىكى ئائىلە تاۋابىئاتى ياكى قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچبىرى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
ئەمما كامىلە تىلەندىبايىۋا، قاماق جازاسىنىڭ قىسقارتىشى ئۇنىڭ بالىلىرىدا ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىر: ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتتۇق، دېدى. 20 يىللىققا قىسقارتقان ئوخشايدىغۇ، خەۋەرلەردە شۇنداق دەيدۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: ھە، 20 يىلغا قىسقارتتى، دېدى. ئەمما تېخى بىز ئېنىق بىلمەيمىز. قولىمىزدا بىر نەرسە يوق. قانچە يىللىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز. ئەمما شۇنداق خەۋەرلەر بار. بىزمۇ پەقەت خەۋەردىلا كۆردۇق. ئۇ نېمە دەيدۇ، قەغەز يوق قولىمىزدا.
مۇخبىر: ئۇلار ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولىغىمۇ قەغەز بەرمەپتىما؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: قەشقەردىكىنى دەمسىز؟ ياق، قەغەز يوق. ياق، ئاشۇنداق، دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ، ئەمما قەغەز بەرمەپتۇ.
مۇخبىر: قانداق قىلىۋاتىسىز؟ ئۇلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىڭلار بولۇۋاتامدۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: كۆرۈشۈشكە، توغرىسى 4-5 يىل بولدى كۆرۈشمىدى. ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ كەتتى، بىلمىدىم نېمە تۈپەيلى. ياكى قەشقەردە بولۇۋاتقان ئىشلار سەۋەبلىكمۇ، ئۇزۇن بولدى ئاچىلىرى ياكى ئۆيدىكى باشقىلار بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. مېنىڭ قارىھاجىم بىلەن كۆرۈشۈشىم مۇمكىن ئەمەس. شۇ تۇتۇلۇپ كىرىپ كەتكەندىن بېرى كۆرۈشكىنىم يوق. خەت-پەت يېزىشقىنىمىز يوق.
مەن شۇ ئائىلىسى ئارقىلىق كۆرۈشەتتىم بۇرۇن. ئەمدى ھازىر ئائىلىسى بىلەنمۇ ئالاقەم ئۈزۈلۈپ كەتتى. شۇ خىتاي بىر ئاز تېلېفونلارنى كونترول قىلىپ بىر نېمە قىلىۋاتامدىكىن، دەپ ئويلايمەن. بەلكى، ۋەزىيەت بىلەن ئالاقىسى بار بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا، ماۋۇ ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ قالسام، يېقىندا بەلكىم مەن سورايمەن، قەغەز -پەغەز بارمۇ قولۇڭلاردا، مۇنداق بېرىلگەن، دەپ سوراپ باقىمەن.
مۇخبىر: سىز بۇ خەۋەرنى گېزىت-رادىيودىن ئاڭلىدىڭىزمۇ ياكى كانادا ھۆكۈمىتى ئۇقتۇردىمۇ، مۇنداق ئىش بولۇۋاتىدۇ، دەپ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: مەن نېمىدىن ئۇقتۇم، شۇ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كانادانىڭ مۇخبىرىدىن ئۇقتۇم. تېلېفون قىلىپتىكەن، مۇشۇنداق گېزىتتە خەۋەر چىقتى يولدىشىڭ توغرىلىق، سېنىڭ خەۋىرىڭ بارمۇ، دەپ. ياق، مېنىڭ خەۋىرىم يوق، دېسەم، مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي، دەپ، ماڭا ئېلخەت ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇسام،مۇشۇنداق-مۇشۇنداق چۈشەردۇق، دەپتۇ، ئەمما يىلى ئېنىق ئەمەس دەڭا. قارىھاجىم بىلەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئادەم مەمەت توختى روزىنىڭ.
مۇخبىر: كاناداھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقتىڭىزمۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ياكى ئاڭلاشتىن بۇرۇن؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: بىز خەۋەرلەشتۇق. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن بىر ھەپتە ئاۋۋال ئوتاۋاغا بارغان. ئوتتاۋادا يىغىن بار ئىدى. بىزنىڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭغا قاتناشقانتۇق بىز ئادۋوكاتىم بىلەن. قاتنىشىپ ئەمدى بۇ يېڭى ھۆكۈمەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەھۋالنى ئۇلارغا تونۇشتۇرايلۇق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مىنىستىرلىقلار بىلەن كۆرۈشەيلۇق، دەپ بارغان. بېرىپ كۆرۈشۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېيىشتۇق.
مۇخبىر: نېمىلەرنى دېيىشتىڭلار؟ نېمە دېدى ئۇلار؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرى ھەققىدە نېمە دېدى؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: بىر نېمە دېمىدى ئۇلار، لېكىن بىز بۇرۇندىن بىلىمىز بۇ ئىشلارنى دېدى. داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەندە بىز دېيىشىمىز، ئوتتۇرىغا قويىمىز، بىزنىڭ ئېسىمىزدىن چىقمىدى بۇ ئىش. داۋاملىق بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىزدە بار بۇ مەسىلە، دېدى. مەن ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، 3-4 كۈندىن كېيىن بۇ خەۋەرنى ئالدۇق.
ۇخبىر: بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن تېخى ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدىڭلار؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تېلېفون قىلدى. ئەمما بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ ئېنىق مۇنداق خەۋەر يوق، دېدى. قانچە يىلغا چۈشۈردى، 20 يىل قالدىمۇ ياكى 10 قالدىمۇ، دېگەن. لېكىن بىز بۇ خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولدۇق، دەپ شۇنداق خەۋەر بەردى.
مەن ئەمدى قاچان كۆرۈشۈپتۇ، ئۆيدىكىلىرى تېلېفون قىلىپ ئۇقۇپ باقساڭلار، خەۋىرىم بولمايۋاتىدۇ، دېسەم، ئۇلار قەشقەرگە تېلېفون قىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپتىكەن كانادا كونسۇلى. 1-ئاينىڭ 20 لىرىدا كۆرۈشۈپ كەلدۇق. كېلەر قېتىم 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارىمىز، ئەگەر بىزگە كېلىڭلار دەپ خەۋەر قىلسا، دېدى.
مۇخبىر: قانداق كۆرۈشۈپتۇ ئۇلار؟ تېلېفوندا كۆرۈشۈپتىمۇ ياكى ئادەم ئەۋەتىپتىمۇ قەشقەرگە؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: قەشقەرگە تېلېفون قىلىپتۇ. تېلېفون قىلىپ، بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ ھەم ئىنگلىزچە ھەم ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر تەرجىمان بالىنى ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ. شۇ ئارقىلىق تەرجىماننىڭ ۋاسىتىسىدە سۆزلىشىپتۇ.
مۇخبىر: ئۇلار ئۈرۈمچىگە ئادەم ئەۋەتىپ ھۈسەنجان جېلىل بىلەن كۆرۈشىمىز دېگەن بىر تەلەپنى قويۇپ بېقىپتىمۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: ياق، بۇرۇن قويغان باشقا ھۆكۈمەت ۋاقتىدا، ئەمما رۇخسەت قىلمىدى خىتاي ھۆكۈمىتى. داۋاملىق ئوتتۇرىغا قوياتتى ئۇلار، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشسەك، ساقلىق ئەھۋالىنى بىر بىلسەك، دەپ. ئەمما رۇخسەت قىلمىدى.
مۇخبىر: ئۇنداق بولسا، سىزنىڭ ھۈسەنجان جېلىل بىلەن تېلېفون ياكى خەت ئالاقىسى قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، دەڭە؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: ياق، ياق، مۇمكىن ئەمەس. مەن 2 يىل ئاۋۋال كانادا ھۆكۈمىتىگە بىر نېمە قىلىپ باقساڭلار، بالىلار چوڭ بولۇۋاتىدۇ، تېلېفوندا بولسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، دەپ باققان. بۇرۇنقى ھۆكۈمەت ھەرىكەت قىلىپ باقتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەتمۇ قىلمىدى، يېقىنمۇ كەلمىدى.
مۇخبىر : بالىلىرىچۇ؟ بالىلار ھازىر قانچە ياشقا كىردى؟ چوڭى قانچە ياشلاردا؟ كىچىكىچۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: چوڭ ئوغلۇم 16 ياشتا، 17 ياشلارغا كىرىپ قالدى. ئىككىنچىسى 12، ئۈچىنچىسى 11 ياشلاردا. كىچىكى شۇ 9-10 غا كىردى بۇ يىل. كىچىكى قوساقتا قالغان. دادىسىنى تۇتۇپ كەتكەندە 3 ئايلىق قوساقتا ئىدى. بۇ يىل 8 -ئايدا ئىنشائاللا 10 ياشقا كىرىدۇ. چوڭ بولۇپ قالدى بالىلار.
مۇخبىر: بالىلار ئەسلىيەلەمدۇ دادىسىنى؟ ئېھتىمال بالىلارنىڭ چوڭىنىڭ يادىدا باردۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: بالىلارنىڭ چوڭى ئاغرىق. ئاغرىق بولغاچقا ماڭالمايدۇ، گەپ قىلالمايدۇ ئۇ ئەسلىيەلەمدۇ. ئەمما 2-ئوغلۇم ئابدۇجېلىل ئەسلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇمۇ بەك كىچىك قالغان. بىر يېرىم ياش، ئىككى ياشلاردا ئىدى دادىسىنى تۇتۇپ كەتكەندە. لېكىن ئۇ ئەسلىيەلەيدۇ دادىسىنىڭ كۆتۈرۈپ، ئوينىتىپ قىلغانلىرىنى.
مۇخبىر: سىز بىلەن دادىسى توغرىلىق پاراڭلىشامدۇ بالىلار؟ دادام نەگە كەتتى، قانداق بولدى بۇ ئىشلار؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ، دېگەن سوئاللارنى سورامدۇ؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: ھە، سۆزلىشىدۇ. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ، ئەمدى 10 يىل قاپتىما، دەپ. بالىلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى، دەپ بىر ئاز ئۈمىدى كېسىلگەن، لېكىن قاماق جازاسىنى قىسقارتىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر ئاز روھى كۆتۈرۈلۈپ، بىر ئاز خۇشال بولدى. ۋاي، بەلكى چىقىپ قالار ئاپا، دەپ.
مۇخبىر: كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز؟ ئۇلارنى يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، دەپ قارامسىز؟
كامىلە تىلەندىبايېۋا: رازىمەن دېسەم بىر ئىش كۆرمىدۇق دەڭە بۇلارنىڭ قىلغان. ئەمما داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ سۆزلىدى، گەپ قىلدى. ئەمما رازى ئەمەسمەن دېسەم يەنە بىر قانداق تۇرىدۇ. يەنە شۇ قارىھاجىم تۈرمىدە خىتاينىڭ قولىدا. ساق-سالامەت ئولتۇرغانلىقىغا شۇ كانادا ھۆكۈمىتى بېسىم قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئولتۇردى، دەيمەن. يېتەرلىك ئىش قىلمىدى بۇلار. ئەمما قارشى تەرەپتىكى خىتاي بولغاچقا بۇلارمۇ كۈچىنىپ بىر ئىش قىلالمايدۇ. باشقا دۆلەت بولغان بولسا بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەيتتى.
كۆپ رەھمەت سىزگە كامىلە خانىم! ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي تۈرمىسىدىكى دىنىي زات، كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايېۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.
