رابىيە قادىر خانىم كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2014.03.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
kanada-minister-rabiye.JPG د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2014-يىلى 4-مارت، كانادا.
RFA/Gulshen

كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئىشلىرى دىۋىزىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

4-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئىشلىرى دىۋىزىيەسىنىڭ بىر نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن ئىككى نەپەر خادىمى، رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف قاتارلىقلارمۇ بار.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كانادا مىنىستىرلار كابىنتىنىڭ رەئىسى جېئىسىن كېنى، كانادادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مىنىستىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جېئىسىن كېنى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قوبۇل قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا داۋام قىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.