رابىيە قادىر خانىم كانادادىكى زىيارىتى ئاخىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2014.03.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rabiye-Jeson-Keni.jpg رابىيە قادىر خانىم كانادا مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ باشلىقى جاسون كېنني بىلەن كۆرۈشتى. 2014-يىلى مارت، كانادا.
RFA/Gulshen

كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆتكەن ھەپتە كانادادا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، كانادادا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيىتىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ ۋاشىنگتونغا قايتتى.

رابىيە قادىر خانىم، كاناداغا قاراتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، تورونتوغا يېتىپ كېلىپ، تورونتونى مەركەز قىلغان ھالدا خىتايغا قارشى دېموكراتىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو شۆبىسى ۋە خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش كۈنلۈكى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، فالۇنگۇڭ، دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولدى.

رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى يەنە، ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئومنى خەۋەرلىرى، شياڭگاڭ ئاگېنتلىقى، تەيۋەن ئاگېنتلىقى، يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق 15 تىن ئارتۇق كانادا ۋە خىتايغا ئالاقىدار ئاخبارات ئورگىنى مۇخبىرلىرىنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.