2015 - يىلى ياز پەسلىدە كەلپىندە باشلانغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلىلەر ۋە چەتئەللەردە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بارلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئائىلە بويىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر يازدا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ تۇغقانلىرىدىن، كەلپىننىڭ يۇرچى يېزىسىدىن مەمەت يۈسۈپ، ياسىن مەمەت، ئەمەرجان ئابدۇراخمان، ئەخمەتجان ئابدۇراخمان قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، رادىئومىز كەلپىن ناھىيىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇلتۇر يازدا باشلانغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 25 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋە چەتئەللەردە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولدى.
كەلپىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر يازدا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك پارتكومدا تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان مۇھەممەتئىمىن بارات ئائىلىسى «قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلىنىش قىسمىتىگە يولۇققان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا 55 ياشلىق تەرجىمان مۇھەممەتئىمىن باراتنىڭ ئوغلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، مۇھەممەتئىمىن باراتقا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، ئايالى ئايشەمخانغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
مۇھەممەتئىمىن بارات ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇزۇن يىل خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىق بىلەن ئىشلىگەن مۇھەممەتئىمىن باراتنىڭ ئىنىسى مامۇت بارات ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، مۇھەممەتئىمىن بارات ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ سورۇقچىلىقتا ئۇنىڭ خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئىنىسىمۇ ياردەم قىلالمىغان.
چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە كەلپىن ناھىيىسىدىكى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلىلەردىن باشقا، چەتئەللەردە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلار ئاساسلىق تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىنىش نىشانى قىلىنغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ تۆت بىر نەۋرە تۇغقىنى تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشقا يەنە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەيسا قارى قاتارلىق ئەسلى يۇرتى كەلپىن بولغان بىر قىسىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەلپىندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن مەزكۇر «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما كەلپىن يورچى يېزىسى، ئاچال يېزىسى قاتارلىق ساقچىخانىلاردىكى نۆۋەتچى خادىملار تېلېفوننى ئالمىدى.
گەزلىك يېزىسى ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملار تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوننىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن بېرىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كەلپىندە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل ناملاردىكى زەربە بېرىش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن دوكلات تەييارلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كەلپىندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىشتا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ يازما دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى نەقىل ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00
