خىتاي ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى كەۋىن گەرراتنى قويۇپ بەردى
2016.09.16

2014 - يىلىدىن ئېتىبارەن، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى كەۋىن گەرراتنى خىتاي تەرەپ تۇيۇقسىز قويۇپ بەردى. تۈنۈگۈن يەنى 16 - سېنتەبىر كۈنى كەۋىن گەررات كانادانىڭ ۋانكوۋىر ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى.
كەۋىن گەررات ئايالى بىلەن بىرلىكتە 2014 - يىلى ئاۋغۇستتا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان دەندۇڭ شەھىرىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2015 - يىلى فېۋرالدا ئۇنىڭ ئايالى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كەۋىن گەررات ھېچقانداق بىر دەلىل ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىدى.
كەۋىن گەررات مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا كانادا ۋە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2014 - يىلى خىتايدا زىيارەتتە بولغان سابىق كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېر خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەۋىن گەررات مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
بۇ يىل 30 - ئاۋغۇستتىن 7 - سېنتەبىرگە قەدەر خىتايدا زىيارەتتە بولغان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇمۇ خىتاي تەرەپتىن كەۋىن گېرراتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەممما خىتاي تەرەپ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي كەلگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، كەۋىن گەرراتنىڭ تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ كاناداغا يېتىپ كېلىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئەلىكىس س ت ۋ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «كەۋىن گەرراتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىتاينىڭ كاناداغا ياخشى نىيەت بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ھۈسەنجان جېلىلنىڭمۇ پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل 2006 - يىلى تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبىگىستانغا بارغاندا، ئۆزبەك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. خىتاي تەرەپ ھۈسەنجان جېلىلنى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن گۇمان بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ يىل يانۋاردا خىتاي تەرەپنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تۇيۇقسىز يۇمشاش كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى مۇددەتلىك 20 يىلغا چۈشۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى كەۋىن گەرراتنى قويۇپ بەردى. ئۇنداقتا ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىدە يېڭىلىقلار بارمۇ - يوق، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش مەقسىتىدە ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئايالى كامىلە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە ھېچقانداق بىر يېڭى ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەۋىن گەرراتنى قويۇپ بېرىشى ھۈسەنجان جېلىلنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشىدىن بىشارەتمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمەت توختىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى بىلەن كەۋىن گەررات مەسىلىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ئاڭلاتتى.
بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.