مۇھەممەت ئەمىن ئابدۇۋەلى ئاكىسى «كېرەم قارى» نىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالغانغا خېلى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.04
abdukerim-abduweli-shiwetsiye-yighin.jpg شىۋېتسىيەدە ئىسلام بىرلىكى يىغىنىدا 24 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. 2014-يىلى 26-دېكابىر، شىۋېتسىيە.
RFA/Éhsan

1990‏-يىلى 11‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ كېيىنكى يىلى 12 يىللىق كېسىلگەن ۋە تۈرمىدە قاماق جازاسى 5 قېتىم ئۇزارتىلغان ئاتاقلىق دىنىي زات، خەلق ئىچىدە «كېرەم قارى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى تۈرمىدە ۋاپات بولغان.

ئۇ، 1991‏-يىلى «ئەكسىلئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىپلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2014‏-يىلى ‏‏30‏-ئىيۇن كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر قاماق جازاسى توشۇشقا ئاز قالغاندا ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتقان ئىدى. نەتىجىدە كېرەم قارى ھاياتىنىڭ كېيىنكى 28 يىلىنى ئۈرۈمچى 3 ‏-تۈرمىدە ئۆتكۈزۈشكە مەھكۇم قىلىنغان ئىدى. 

كېرەم قارىنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىنىسى مۇھەممەت ئەمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كۇچار بىلەن بولغان ئالاقىسى 2015‏-يىلدىن بېرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۆتكەن يىلى باشقىلاردىن ئاڭلىغان. ئەمما ئۇنىڭ راستلىقى ھازىرغا قەدەر باشقا قاناللار ئارقىلىق دەلىللەنمىگەن. 

مۇھەممەت ئەمىن: «بىز ئۇنىڭدىن 2017‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 15 كۈنى ئىستانبۇلدا خەۋەر تاپقان. ئىستانبۇلدىكى ئۆينى رېمونت قىلدۇرغاندا بىر قانچە بالا كېلىپ لايچىلىقىنى قىلغان. شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى بىلەن يۇرت سورۇشۇپ قالدۇق. ئۇ مەن تۇرپاندىن، دېدى. بىز كۇچارلىق دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن كۇچارلىق كېرەم قارىنى تونۇمسىلەر؟، دېدى. ئايالىم، مۇشۇ ئىنىسى بولىدۇ، دېۋىدى، ھەئە شۇنداقمۇ، مېنىڭ تۈرمىدە يېتىپ چىققان يېقىن بىر ئاغىنەم ماڭا دېگەن، كېرەم قارىم تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتتى، دەپ. ئاكىڭىز ئۆلۈپ كېتىپتۇ سىلىنىڭ، دېدى، . مېنى ئىشەنمىدى، دەپ قالدىمۇ بىلمىدىم. ئەتىلىككە مەن كېلىپ دەلىل ئىسپاتلار بىلەن، دەپ بېرىمەن، دېدى. ماقۇل دېدىم، لېكىن ئەتىسى كەلمىدى. نېمىشقا كەلمىدى، بىلمىدىم. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىنى قىلمىدىم. شۇ ۋاقىتتا كاللىغا بەك تەسىر قىلمىدى، نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئادەم، دەپ قالدىم. يەنە بىر تەرەپتىن 2014‏-يىللىرى يۇرتتىكى بالىلارنى كۆرۈشتۈرۈپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا ماڭالماس بولۇپ قالغان. كارىۋاتتا ياتىدىغان، ئېغىر ئاغرىقچان بولۇپ قالغان خەۋىرىنى ئاڭلايتتۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئارىلاپ تېلېفوندا بالىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان ۋاقىتلار ئىدى. 2014‏-يىللىرىمىكىن، شۇ ۋاقىتلاردا ئاكام پەۋقۇلئاددە ئورۇقلاپ ماڭالماس بولۇپ قاپتۇ، قېشىمىزغا كۆرۈشتۈرگىلى غالتەك بىلەن ئېلىپ چىقتى، دېگەن ئىدى». 

مۇخبىر: «بۇ قېتىم سىز قانداق ئىگەللىدىڭىز بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى؟»

مۇھەممەت ئەمىن: «مەن چوقۇم ئۆلۈپ قاپتۇ، راستكەن، دەپ بىر ئادەمگە دېگەن يېرىم يوق. قۇرۇلۇش قىلىمىز، دەپ كىرگەن ئادەمنىڭ گېپىنى ئوخشاشلا باشقىلارغا دەپ بەردىم. پەقەت ئاكامنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئاۋۋال ياخشى ئەمەسلىكىنى، تولا ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئاغرىقچان بولۇپ كېتىپ بەلكىم ھايات بولمىغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن ماۋۇ مەقسەت بىلەن دېدىم». 

مۇخبىر: «ئائىلىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان ئالاقە قىلدىڭىز؟ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېفون سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىز؟»

مۇھەممەت ئېمى: «2015 ‏-يىلنىڭ باشلىرىمىكىن، شۇنىڭدىن كېيىن داداڭ بىلەن سۆزلەشتىڭ، دەپ قىزىمنى سولىۋاپتىكەن، ئۇنىڭمۇ ئىككى بالىسى بار ئىدى. قويۇپ بەرگىنىنىمۇ بىلمىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچقانداق بىرى بىلەن سۆزلىشىپ باقمىدۇق. شۇنداق بولغاندا 3 يىلدىن ئاشتى، ئائىلە بىلەن ئالاقە يوق». 

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ دېلوسى ئىزچىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى 2014‏-يىلى 4‏-ئاينى «ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئېيى» دەپ ئېلان قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ بۇ يىل 7‏-ئايدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» دا ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

دىئالوگدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە كېرىم قارىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتقان ياكى ئېيتمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرى» نى قانداق سۈيى ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. 

د ئۇ ق نىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىنى ئاجىز ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلەتتى. ھازىر ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلمايدىغان ھالغا كەلدى. مەسىلەن بېيجىڭدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارماقلىرى ماۋۇ تىزىملىك ئالدىمىزغا چۈشۈۋاتىدۇ، بۇ ئادەملەر بارمۇ يوقمۇ، دەپ سوراپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا، بۇ دىئالوگنى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن. شۇڭلاشقا بۇ ئالدامچىلىقنىڭ تىپىك ئۆرنىكى.» 

مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، كېرەم قارىنىڭ پاجىئەسى «دۆلەتنىڭ بىر ئادەمگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى» گە كىرىدىكەن. مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي باشقۇرۇشىدىكى سوت 12 يىللىق دەپ تۈرمە جازاسى بەردى. ئەگەر خىتاينىڭ شۇ سوتى بەرگەن بۇ تۈرمە جازاسى كۈچكە ئىگە بولسا ئۇ ئادەم 12 يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، خىتاي ئۆزى بەرگەن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئۆزى ئەمەل قىلمىدى. ياكى مۇشۇ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغىچە ئۇنىڭغا كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرسەتمىدى. شۇڭلاشقا بۇنى دۆلەتنىڭ قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى، دەپ قارىساق، ئۇنىڭغا چۈشىدۇ.»

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ شۋېتسىيەدىكى ئىنىسى مۇھەممەت ئەمىننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كۇچاردىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچكىم قالمىغان. ئۇ، كۇچاردىكى چوڭ قورۇسىدا ھېچكىم قالمىغانلىقى، ئىككى ئىنىسىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قالغان تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. 
كېرەم قارى، يەنى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزارتىلغان 5 يىللىق قاماق جازاسى توشۇشقا يەنە 7 ئايدەك ۋاقىت قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەرلىك دائىرىلەر ئارقىلىق دەلىللەش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى. بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3‏-تۈرمە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق كۇچار ساقساق ساقچىخانىسى ۋە ئىجتىمائىي رايونىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.