ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2014-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى بەزى دۆلەتلەردە سىياسىي ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى قىسمەن ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ئارقىغا چېكىنگەن. بۇ سىياسىي ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىنىڭ ئۇدا 8 يىل داۋاملىق ئارقىغا چېكىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي سىياسىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى قەبىھ، پۇقرالار ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ناچار، دۆلەت بولۇپ باھالانغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ «دۇنيادا ئەركىنلىك-2014» ناملىق يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ئارقىغا چېكىنىشىگە ئاساسلىق سۈرىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي سۇدان، ئافغانىستان، سومالى، ئىراق، يەمەن قاتارلىق ئەللەردىكى قاباھەتلىك ئۇرۇش، مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگىرىش، ۋېنسۇئېللا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىكتاتورىلىققا قاراپ مېڭىشى، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى قاتارلىق ئامىللار تەسىر قىلغان.
ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيادىكى 40 دۆلەتنىڭ سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىك ۋەزىيىتى نىسبەتەن ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق 54 دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى داۋاملىق ئارقىغا چېكىنگەن. ئەركىنلىك سارىيى تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، شىمالىي كورىيە، سۇدان ، سومالى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 10 دۆلەت بىلەن تىبەت ۋە ماراكەش كونتروللۇقىدىكى غەربىي سەھرا رايونلىرىنى سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى قەبىھ ئەل ۋە رايونلار، دەپ باھالىدى. خىتاي بولسا سىياسىي ھەقلەر جەھەتتىكى ۋەزىيىتى قەبىھ، پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار ئەللەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چېرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ئۆكتىچى پىكىرلەرگە ئىلگىرىكى رەھبەرلىككە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلغان. دائىرىلەر 2013-يىلى زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىمىنى ئازايتىش چاقىرىقىغا ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن.
دوكلاتتا، دائىرىلەرنىڭ يېڭى قانۇن، نىزاملارنى چىقىرىپ، توردا پىكىر بايان قىلىشقا قانۇنى چەكلىمىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى پاش قىلىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش خاھىشلىرىنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساقچىلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەشەببۇس قىلغۇچى «يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى» قاتناشقۇچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمىدىكى پەرق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. ئۇ، قىممەت ئۆلچىمىدىكى بۇ خىل پەرق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە كۆرسەتكەن ئىنكاسلىرىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى خوڭكۈەن: بلۇمبېرگ، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، ۋال ستېرىت ژۇرنىلى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆزىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ مال -مۈلكىنى ئاشكارىلاپ، زور قىزىقىش قوزغىدى. جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقسىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ ناھايىتى غەزەپلەندى. بۇنىڭ ئۆزى جۇڭگو-ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ چەك-چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر، ئامېرىكىدا ناھايىتى نورمال ئەھۋال. خەلق گېزىتى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا مۇخبىرلىرى بار. ئۇلار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلىسا بولىدۇ. سەن نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسەن؟ سېنىڭ شۇنداق قىلىشىڭ قارشى ئېلىنىدىغۇ؟ جۇڭگو خەلقى ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئۇلار چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭلا ئەمەس، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلىقىغا تېخىمۇ قىزىقىدۇ. جۇڭگونىڭ نېمىشقا بۇنىڭغا ئاچچىقى كېلىدۇ. دېمەككى سېنىڭ قىممەت قارىشىڭدا پەرق بار.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىشتەك بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى باسقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۆزىمۇ سۇيىئىستېمالغا ئۇچرىغان. بۇ خىل لاگېرلار كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرغۇچى پائالىيەتچىلەرنى، ئەرزدارلارنى، دىنىي زاتلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك جىنايى قاماق، ھەر خىل مەمۇرى تەدبىر ۋە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇپ جازالايدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغان.
دائىرىلەر يەنە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق كونا تۈزۈم داۋاملىق مەجبۇرىي ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى پائالىيەتچىلەر ۋە ئاۋام پۇقرالار ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە بەزى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق پۇقرالارنىڭ جىددىي خەۋەرلەر، خىيانەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىن خەۋەر تېپىش ياكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىكى مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چەكلىمىسى سەۋەبلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. بىراق لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تورنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ۋاقىتلىق ئىشقا يارايدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مەزگىلدە تور كومپارتىيىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: تور ئارقىلىق جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قامال قىلىشى ناھايىتى زور دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توسۇپ بولغىلى بولمايدىغان باسقۇچقا كەلدى. ئەلۋەتتە ، جۇڭگونىڭ مۇداپىئە تەدبىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، سەددىچىن توسمىسى، سۆزلۈكنى كونترول قىلىش، ئادەم تۇتۇش دېگەندەك تەدبىرلىرى بار. نۆۋەتتە ئۇنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ناھايىتى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرى بار. بىراق بۇلارنىڭ ھېچبىرى تۇيۇقسىز كارغا كەلمەي قېلىشى، تۇيۇقسىز يىمىرىلىشى مۇمكىن. ئەگەر جۇڭگودا ھەقىقىي بىر قالايمىقانچىلىق پارتلىسا، تور ئاخباراتىنىڭ رولى تېخىمۇ زورىيىدۇ. پۈتۈن جۇڭگو خەلقى تور ئارقىلىق ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، كومپارتىيىگە قارشى چىقىشى مۇمكىن. بۇ كومپارتىيە ئەڭ قورقىدىغان ئەھۋال. شۇڭا، ئۇلار بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تورنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ كۈچى بىر يەرگە كەلگەندە تۈگەيدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن ئالغاندا جۇڭگو كومپارتىيىسى تورنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىدۇ.
بۇ دوكلات ئۇيغۇر ئۆكتىچى زات ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۈ جىيۇڭ، جاۋ چاڭچىڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەر سوتلىنىپ، خەلقئارا ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى قوزغالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەنقىدلەپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى يەنە، «جۇڭگو يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى شۈ جىيۇڭ ۋە جاۋ چاڭچىڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ سوتلانغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوك بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جىيۇڭ ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرنىڭ «خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقى» سەۋەبلىك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنى شۈ جىيۇڭ ۋە باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ، دېگەن.