ۋاشىنگتون شەھىرىدە «قاراتمىلىققا ئىگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرى ۋە مۇتىھەم ھاكىمىيەت» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.14
Ben-Cardin.jpg ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن.
Social Media

دۇنيادىكى خىتايغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نەچچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ھۆكۈمەت ۋە خادىملارغا چارە قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزچىل دېيىلىپ كېلىۋاتقان «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا تونۇشتۇرغۇچىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن بولۇپ، مەزكۇر قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولغان بىردىن-بىر كىشىدۇر. 

تۈنۈگۈن، يەنى 13-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە «قاراتمىلىققا ئىگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرى ۋە مۇتىھەم ھاكىمىيەت» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن پۈتۈن دۇنيادىكى زالىم ۋە دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە شۇ جىنايەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ھۆكۈمەتلەرنى «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغان. 

بېن كاردىن سۆزىنىڭ باشلانمىسىدا ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇھىم تۇتۇپ قىلىدىغان خىزمەتلىرى بارلىقى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقى، شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ھەقىقىي بىر دوستلۇق سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

بېن كاردىن سۆزى داۋامىدا تۆۋەندىكى نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى: «دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى سەۋەبلىك دۇنياغا رەھبەرلىك قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەن، دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقىدەك كۈچلىنىشى ئۆز قەدىر-قىممىتىمىزنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق باشقا ئەللەردىكى خەلقلەرگە قانداق قىلغاندا بىر دېموكراتىك جەمئىيەتنى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىق ھەققىدە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقانلىقىمىزدىن بولغان.» 

ئانالىزچىلار ئىزچىل نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشى، ھەتتا شۇ خىلدىكى دىكتاتور ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشتە يوق، ئۇنى تېخىمۇ قوللاپ بېرىشى بۇ مەسىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مەسىلە بولۇشىدا ئېغىر توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. 

مەزكۇر نۇقتىدا بېن كاردىن ئەپەندىنىڭ بەرگەن يەكۈنى ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ سۆزىدە دۇنيادىكى نەچچە ئون، نەچچە يۈز ھەتتاكى نەچچە مىليون خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باشتىن كەچۈرۈشى خەلقئارالىق ھەرىكەت قوللىنىشتا يېتىپ-ئاشقۇدەك پاكىت بولالايدىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ خىل ئىنسانىيلىققا خىلاپ قىلمىشنى چوقۇم پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. 

بېن كاردىن ئەپەندى نۇتۇق داۋامىدا ئۆزىنىڭ «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى تونۇشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەلىك بىر ئادۋوكات سودىغا مۇناسىۋەتلىك بىر دېلونى ئىشلەش جەريانىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكىنى بايقاپ قالغان ھەم ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارغا ئىنكاس قىلغان. نەتىجىدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىكەن. بېن كاردىن ئەپەندى مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا رىغبەتلەندۈرۈش رول ئوينىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. 

نۇتۇق ئاخىرلىشىشى بىلەنلا تاماشىبىنلار ئۆزلىرىگە مۈجمەل بولۇپ قالغان نۇقتىلاردا بېن كاردىن ئەپەندىدىن سوئاللارنى سورىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم سۆز ئېلىپ، بېن كاردىن ئەپەندىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئاتالمىش «جازا لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى تىلغا ئېلىپ، مۇشۇنداق ئېغىر باستۇرۇشنى پەيدا قىلغانلارغا «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە سوئال تاشلىدى. 

بۇنىڭغا بېن كاردىن ئەپەندى كەسكىنلىك بىلەن روشەن ئابباس خانىمنىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئامېرىكىدا تېخى «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نىڭ رەسمىي ماقۇللانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. 

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن. ئۇيغۇر رايونى ھەقىقەتەن «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن بىر رايون، بىز بۇ قانۇننىڭ ئۇ رايوندا ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.»

ئارقىدىن بىر خىتاي مۇخبىر خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ جايلاردا ئومۇملاشمىغانلىقى، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كىمنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدىكى ئۆلچەم ھەققىدە سوئال تاشلىدى. 

يۇقىرىقى سوئالغا بېن كاردىن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «نۆۋەتتە بۇ قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر ئورگان بار، بىراق ئۇلار كۆپ ئەھۋالدا شۇ رايوندىكى دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن بۇيرۇق ئالىدۇ. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تولۇق دىققەت قىلىپ كېتەلمىدۇق. بىز ئۆلچەملەشكەن بىر ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ قانۇننىڭ ھەرقايسى رايونلاردا تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى خالايمىز،»

پائالىيەت ئاخىرىدا بىز روشەن ئابباس خانىمنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بېن كاردىن ئەپەندىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر چوڭ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىنىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەلىللىشىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «نۆۋەتتە ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر قانۇن ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش نۆۋەتتىكى ئەڭ كونكرېت بىر ئىش. مەن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتۇلغان ھەدەمنىڭ مەسىلىسى ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىمەن،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.