12 - ئىيۇن باشلىنىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ ئورتاق قارىشى بولماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىشتى.
مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى سىياسەت ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيە جەھەتتە زور دەرىجىدە قوپاللاشقان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن.
مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 9 - ئىيۇن بېرلىندا چاقىرىلغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسئۇلى سېباستىيان خايىلمان، گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن كېيىن سوغۇقچىلىقلاردىن خالىي بىر مۇناسىۋەت بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ سۆزىچە، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشى چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقان، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش نىزامى ئاۋارىچىلىكلەر تۇغدۇرۇۋاتقان، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش - تارتىشى كۈچەيگەن، كىشىلىك ھوقۇق زور دەرىجىدە چېكىنگەن، نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە ئىچكى سىياسەتتە بارغانسېرى قوپاللىشىۋاتقان بىر چاغدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت، ئەسلا ئىلگىرىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولالمايدىكەن.
9 - ئىيۇن د ئۇ ق ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئانگېلا مېركېلنى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەشكە چاقىردى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى شەرھلەپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، مېركېل خانىمىڭ ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندا، ئۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە پىكىر بايان قىلغانلىقىنىمۇ خەتتە ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 9 - ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 81 - نومۇرلۇق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. «خىتاينىڭ ئەرزان مال ئېكسپورتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا» ناملىق بۇ دوكلاتتا خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان مېتاللۇرگىيە ۋە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئەرزان ماللارنىڭ ئەمەلىيەتتە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرىشىنى شەرت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ياۋروپا ۋە دۇنيانى تەمىنلەۋاتقان، خىتاينى سەمرىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە تۇپراقلىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ سودا رىقابىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مىللىي رايونلاردىكى دەريا، تۇپراق، ھاۋالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى، زېمىن ئېكولوگىيەسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، خىتاي تىلغا ئېلىۋاتقان ئاتالمىش تەرەققىياتتا، بۇ مىللەتلەرنىڭ نېسىۋىسى يوقلۇقى، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قامىلىۋاتقانلىقى، ئېتىلىۋاتقانلىقى، باستۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ھەمدە ئەلمىساقتىن كىشىلىك ھوقۇقنى بۇ قەدەر ئېغىر دەپسەندە قىلغان ئىككىنچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئىلى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ يېڭى سانائەت كارخانىلىرى مۇقىمسىز بولغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىغا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى رېئاللىق شۇكى، ئۇلار كەمسىتىلىپ، ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت ھالىغا كېلىپ قالدى. چۈنكى، خىتايدىن بىر زاۋۇت يۆتكەلسە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىڭلارچە كۆچمەن بىرگە كېلىدۇ. بۇ ھال مۇقەررەر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ياسايدۇ. ئاقىۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىدىغان، زەھەرلىك بولغان زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىۋېتىپ، مۇھىت مەسىلىسىدىن قۇتۇلدى. سىز ئىلگىرى بېيجىڭدا كۆرگەن تۇماننى بۈگۈن قەشقەر، ئۈرۈمچىدە —ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىدە كۆرىسىز، ھېچكىممۇ ئەلمىساقتىن بۇ قەدەر بۇلغانغان ھاۋانى باشقا بىر يەردە كۆرۈپ باقمىغان.»
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىچ دېلىيۇس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، يۇقىرىقى دوكلاتنى مېركېل خانىم خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىپ، ئۇنى خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ شۇلارنى تىلغا ئالدى: «بىز خېتىمىز ۋە دوكلاتىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال - بۇرت قويۇش، رومال ئارتىشتەك ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭمۇ قولىدىن تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېركېل ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقىنى تەلەپ قىلدۇق.»
مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سېباستىيان خايىلمان مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 9 - ئىيۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «كەلگۈسى ئايلار، يىللاردا گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىدۇ» دېگەن ۋە بېرلىن ھۆكۈمىتىنى مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن: خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز غوۋغاسىدىكى قىلمىشلىرىدا قەستەنلىك بار.»
ئۇ يەنە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىنلىك، كىشىلىك قەدىر - قىممەت غايىسىدىن بارغانسېرى ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بەلكى ئۇنى نابۇت قىلغانلىقىنى، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاللىقاچان قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش نىزامىغا ئوخشاش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان چارە - تەدبىرلەر بىلەن چەتئەل كارخانىلىرىنى يەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە رىقابەتچىلىرىگە ئۆچ ئېلىش پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەتلەر يېزىپ، ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى چوقۇم تىلغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشقان.
باش شتابى گېرمانىيەدىكى «موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەت يېزىپ، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرۇلۇق مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە پىكىر بايان قىلىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، خەتلىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىلىقمۇ ئالاھىدە توختالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى خىتاي - ئۇيغۇر مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن مۆتىدىل ئىدىيىدىكى بىر زىيالىي ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىدە ھەرقانداق ئۆكتىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىجازەت بەرمەيدىغان رەزىل سىياسەت بولغاچ، ئۇنىڭغا خىتاي قانۇنلىرى رامكىسىدىكى پىكىرلىرى ئۈچۈنمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. بۇنىڭدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مېركېل ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىشى ۋە خىتايدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم، دەپ قارايمەن.»
بۇ قېتىمقى زىيارەت باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان 9 - قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىمقى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەن.
گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ھېيكو گەرچە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ئاساسىي تېما بولسىمۇ، مېركېلنىڭ يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن.
0:00 / 0:00
