نۇرغۇن ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا سۇلىنىپ ئائىلىلىرى خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.08.17
2017-yili-Mayda-Lagergha-Solanghan-Osmanjan-Yasin-3-perzenti-Ayali-bilen.jpg تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ياسىن ھەسەن ئەپەندىنىڭ يىغىلىۋېلىش مەركىزىگە سۇلانغان ئوغلى ئوسمانجان ياسىن 3 پەرزەنتى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە.
RFA/Arslan

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىلىرى «يېپىق تەربىيىلەش» نامدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئائىلىلەر ئوغۇل-قىزلىرىدىن، بەزىلىرى ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىرىدىن، بەزى كىچىك ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىگە چاقىسىز قالماقتا. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى دارىلئېتام نامدىكى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىلىدىغان ئورۇنلارغا يىغىۋېلىنماقتا ئىكەن.

ئائىلىسى ۋە شىركىتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ياسىن ھەسەن ئەپەندى ئوغلى ئوسمانجان ياسىن ۋە قىزى رۇقىيە ياسىن قاتارلىقلارنىڭ 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى يىغىلىۋېلىش مەركىزىگە سۇلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

ئوسمانجان ياسىن بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ ئۈرۈمچىدە بىر شىركەت ئاچقان ئىكەن، ئۇ 2016-يىلى دۇبەيگە ساياھەتكە چىققان ئىكەن. رۇقىيە ياسىن بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئىكەن. دادىسى ياسىن ھەسەن ئەپەندى باللىرىنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى بولمىسىمۇ ناھەق تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ياسىن ھەسەن ئەپەندى يەنە بىر كۈيئوغلى، بىر كېلىنى ۋە بەش نەۋرىسىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

ياسىن ھەسەن ئەپەندى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى. 

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئامىنە مۇھەممەتجان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ئانىمۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىزى گۆھەر نىجاتنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە قىزى گۆھەر ئىلگىرى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتا قايتىپ كېلىش ئالدىدا تۇتۇلۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئامىنە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قىزىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. 16 ئايدىن بۇيان قىزى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالمىغان ئىكەن. 

ئامىنە خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان ساقچىخانىسىغا قاراشلىق جىنتەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامىنە خانىم 2016-يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ «قايتسىڭىز تۇتۇۋالىدۇ» دېگەن گېپى بىلەن قايتىپ كەتمەي تۇرۇپ قالغان ئىكەن. 

ئامىنە خانىم قىزى گۆھەر نىجات ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرگە، ب د ت غا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مېنىڭ قىزىمغا ئوخشاش ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادىل بىر ھۆكۈم چىقىرىشىغا شۇنداقلا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىمەن.»

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ياكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر كۈچى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ۋەزىيىتىنى يارىتىشى لازىم. بۇنى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم دەلىل-پاكىت ۋە مەنبە بولۇشى كېرەك. دەلىل-ئىسپات بولمىسا، خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زۇلۇم ناھەقچىلىكلەرنى ۋە ياكى لاگېرلارغا ناھەق سۇلانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.