لوندوندا «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2017.06.05
1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە خىتاي دېموكراتلىرى، فالۇنگوڭچىلار، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، لوندوندا ئوقۇۋاتقان بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا : «4-ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى تەكشۈرۈلسۇن»، «خىتايدىكى بېسىم تۈگىتىلسۇن»، خىتايلارغا، تىبەتلىكلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. لوندون ۋاقتى سائەت يەتتىدىن ئونغىچە داۋاملاشقان نامايىش جەريانىدا مەتبۇئات باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىم، دېموكرات خىتايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۆزىنىڭمۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇ يىلدىن بۈگۈنگىچە بولغان ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولسا خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە خانىم ئۆزىنىڭ ھەر يىلى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، نامايىش ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تيەنئەنمېن ئانىلىرى توپىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقان لۇ كېيجىن خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 4-ئىيۇن، بىز بۈگۈن بۇ يەردە خوڭكوڭدىن، خىتايدىن كەلگەنلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تەيۋەندىن كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتىمىز. ئارىمىزدا ئۇيغۇر ئۇكىلار، ئاچىلار ۋە سىڭىللارمۇ بار. مەن بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە بارغان ئىدىم. مەن بارغان ۋاقىت دەل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدى. مەن قولىدا مىلتىق كۆتۈرگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋە تانكىلارنىڭ پاراتتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كىشىلەردىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا چۈنكى بۈگۈن 5-ئىيۇل كۈنى دېدى. كېيىن چۈشەندىمكى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىمىغا قارشى چىققان كۈن ئىكەن».
ئۇ، ئۈرۈمچىگە بارغان كۈنى يەكشەنبە كۈنى بولسىمۇ كوچىدا ئۇيغۇرلارنى كۆرەلمىگەنلىكىنى، كوچىغا چىقىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ كۈنى ياز بولغاچقا بازاردا قوغۇن، تاۋۇزلار بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ كۈنى ھۆكۈمەت بۇلارنى بازاردا سېتىشقا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ، كۈنى كوچىدا مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان ھەربىيدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى يادىمغا كەلدى. ئۇ، كۈنىمۇ شۇنداق قورققۇدەك بىر ۋەزىيەت بار ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمىتى يوق. ئەسلىدە خىتايدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىگە ئىشەنمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن چوقۇم دېموكراتىك خىتاي قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»
يەنە بىر خىتاي پائالىيەتچى ۋاڭ چاۋخۇا خانىم ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرسىلا رايونغا تىنچلىق كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونترولى ئاستىدا. ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. خىتاي شىنجاڭنى پەقەتلا تىجارەت ئۆتكەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى. شۇڭا يىپەك يولىنى قايتا ياساپ ئۇ يەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ئۇلىشىمەن دەۋاتىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئويلىمايدۇ. مەبلەغ سېلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن خىتايلارلا پايدىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغانلا بولسا رايونغا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك كەلمەيدۇ.»
بەزى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە تيەنئەنمېن ئانىلىرى توپىنىڭ ئەزالىرى 1989-يىلىدىكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 500 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا 100 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.