مارالبېشىدىكى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، 11 كىشى ئۆلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.11.16
seriqbuya-baziri-305.png سېرىقبۇيا بازىرى
RFA/Arslan


خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» بۈگۈن مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدە ساقچىلاردىن ئىككى، ھۇجۇمچىلاردىن 9 بولۇپ 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر ساقچىخانىغا تېلېفون بېرىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلاردىن بىرى يۈسۈپ ئابدۇكېرىم، يەنە بىر بولسا ئىش بېجىرگىلى كەلگەن خىتاي؛ ۋەقەدە ئۆلگەن ھۇجۇمچىلار بولسا، 17 ياش بىلەن 23 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى. تۆۋەندە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ۋەقەدە ئوق چىقارغان ساقچىلاردىن بىرىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

مۇخبىر: سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىمۇ بۇ؟

خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: ھازىر ۋەزىيەت قانداق سېرىقبۇيادا؟

خادىم: ياخشى، ۋەزىيەت كونترول قىلىنىپ بولدى.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچى كىملەر؟

خادىم: يۈسۈپ ئابدۇكېرىم.

مۇخبىر: يەنە بەرسىچۇ؟

خادىم: يەنە بىرى بىر خەنزۇ.

مۇخبىر: ھۇجۇمچىلاردىن ئۆلگەنلەر قانچە؟

خادىم: 9 نەپەر، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى.

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ جەريانى قانداق بولدى؟

خادىم: ئۇلار ساقچىخانىنىڭ جىبەرشىغا(نۆۋەتچى ئىشخانىسىغا) ھۇجۇم قىلدى. جىبەرشىدا ياردەمچى ساقچىلار بار ئىدى، ئۇلار قېچىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، رەسمىي ساقچىلار چىقىپ ئوق چىقاردى، كېيىن ئالاھىدە ساقچى قىسىم كېلىپ ھەممىسىنى يىغىشتۇردى.

مۇخبىر: ۋەقە جەريانىدا سىزمۇ بارمۇ؟

خادىم: بار. ئەسلىدە 15 - دادۈيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتىم. چۈشتىن كېيىن 3:40 ئۆتكەندە ۋەقەدىن خەۋەر تاپتىم، دەرھال ساقچىخانىغا كەلسەم، ئېتىشىش داۋاملىشىۋېتىپتۇ؟

مۇخبىر: قارشى تەرەپنىڭ قولىدا نېمە باركەن؟

خادىم: قىلىچ، پىچاق، ئورغاق قاتارلىق بار كىنو.

مۇخبىر: سىز ساقچىخانىغا كىرگەن چېغىڭىزدا قانداق بىر مەنزىرىنى كۆردىڭىز؟

خادىم: 4 - 5 ئى يەردە ياتقان ئىكەن قالغانلىرى تۈۋرۈكنىڭ ئىشىكنىڭ ئارقىلىرىدا دالدىلىنىپ تۇرۇپتۇ، مەنمۇ بىرنەچچە پاي چىقاردىم...

مۇخبىر: سىز چىقارغان ئوقتا ئۆلگەنلەر بولدىمۇ؟

خادىم: ئۇنى بىلەلمىدىم؛ ئاڭغىچە بىزنىڭ خەنزۇ سوجاڭ دەرۋازىنى تاقا دەپ بۇيرۇق قىلدى؛ قارىسام سىرتتىكى خەلق ئاممىسى ساقچىخانىنىڭ ئىچىگە كىرگىنى تۇرۇپتۇ، مەن بېرىپ ئۇلارنى چېكىندۈرۈپ، دەرۋازىنى تاقىدىم؛ سىرتىدىكىلەر ئىچىگە كىرەلمىدى، ئىچىدىكىلەرمۇ سىرتقا قاچالمىدى، ھەممىسى يىغىشتۇرۇلدى.

مۇخبىر: ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتىمۇ؟

خادىم: ياق تېخى ئايدىڭلاشمىدى، داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر: جەسەتلىرى بارمۇ يۆتكەپ كېتىلدىمۇ؟

خادىم: بار، تېخى بايىلا تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى، يۆتكەپ كېتەمدۇ، قانداق قىلىدۇ، بىلمەيمەن.

مۇخبىر: جەسەتلەرگە قاراپ سېرىقبۇيىنىڭ ئاھالىلىرى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدىڭلارمۇ؟

خادىم: ياق بىلەلمىدۇق؛ مەنغۇ ناھىيە ئىچىدىن كېلىپ ئىشلەيمەن، مۇشۇ يېزىدىكى ساقچىلارمۇ تونۇيالمىدى، ھەممىسىلا سىرتتىن كەلگەنلەردەك قىلىدۇ؛ ھېچقايسىنىڭ يېنىدا سالاھىيەت كىنىشكىسى يوق.

مۇخبىر: ھۇجۇمچىلارنىڭ چىرايلىرىدىن قارىغاندا قانچە ياشلاردا باردەك قىلىدۇ؟

خادىم: چوڭى - 22 - 23 ياش، كىچىكى 17 ياش.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاھالىلەردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ۋەقە چىققان ھامان ئەتراپتىكى كىشىلەر ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا توپلانغان، ساقچىلار ئېتىۋاتقان ۋە قورشىۋالغان ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تۇغقانلىرى بار بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان كىشىلەر ساقچىلارغا قاراپ، قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرمەسلىك، پەقەت يارىلاندۇرۇپ تۇتۇپ جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئاڭغىچە ساقچىلاردىن بىرى كېلىپ دەرۋازىنى تاقىۋالغان. ئاھالىلەردىن بىرى ساقچىنىڭ ۋەقەدە ھۇجۇمچىلارنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانى بارلىقىنى، شۇنداقتىمۇ رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ساقچىلار سېرىقبۇيىنىڭ دوقمۇش - دوقمۇشلىرىغا چازا قۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ساقچىخانا تەرەپكە يېقىنلىشىشىغا يول قويمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.