خىتاي ھۆكۈمىتى 23 - ئاپرىل مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قاتار مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلىي مەلۇمات دەپ بېرىلگەن بۇ خەۋەرلەردە، ۋەقەنى قاسىم مەمەت ۋە مۇسا ھەسەن باشچىلىقىدىكى 25 كىشىلىك بىر تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى، ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى بايقالغان ئۆيدە ھۇجۇم ئېلىپ بارغاندىن سىرت، سېرىقبۇيا بازارلىق ھۆكۈمىتى ۋە بازارلىق ساقچىخانىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خەۋەردە ۋەقە جەريانىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە تەپسىلىي بايان قىلىنمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ۋەقەنىڭ خارەكتېرىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

خىتاي خەۋەرلىرىدە بايان قىلىشىچە، ۋەقە قاسىم مەمەت باشچىلىقىدىكى 25 كىشىلىك بىر گۇرۇھ تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان. خەۋەردە گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا پەرقلىق كوچىلاردا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاسىم مەمەت ئولتۇرغان ئۆيگە داۋاملىق توپلىنىپ، ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە گۇرۇھتىكىلەرنىڭ 8 دانە قىلىچ ۋە 20 دانە پارتلاتقۇچ قۇرۇلما ياسىغانلىقى،5 قېتىم پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە تىزگىنەك قاتارلىق كۆپ ساندا زوراۋانلىق قورالللىرىنى ساقلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ مەقسىتى، قەشقەردە ئادەم كۆپ مەركەزلەشكەن جايدا، پارتلىتىش ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ساقچى ۋە مەھەللە كادىرلىرى، گۇماندار مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، مەمتىمىن بارات ئەھۋالنى نامەلۇم بىر ئورۇندا ئىشلەۋاتقان قاسىم مەمەتكە مەلۇم قىلغان. قاسىم مەمەت 5 نەپەر سەبدىشى بىلەن بىرلىكتە موتسېكىلىتلار بىلەن، ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆيگە يېقىن جايدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان يەنە بىر سەبدىشى مۇسا ھەسەننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتكەن. ۋە بۇ ئۆيدىكى قىلىچلىرىنى قولىغا ئېلىپ، مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىيەتنى سىرتتىن كۆزەتكەن.

قاسىم مەمەت مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىيەتتىن، ئۆز پلانلىرىنىڭ يوشۇرغىلى بولمايدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئامان قالمايدىغانلىقى دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ساقچى ۋە كادىرلار بىلەن توقۇنۇشقان.

خەۋەردە يەنە بايان قىلىنىشىچە، ساقچى باشلىغى بىر نەپەر گۇماندارنى ئېتىپ تاشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇجۇمچىلار، ساقچى ۋە كادىرلارنى ۋەقە سادىر بولغان ئۆي ئىچىگە مەجبۇرى سولاپ ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەن. 9 نەپەر ساقچى ۋە خادىم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن.

ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن ھۇجۇمچىلارنىڭ ئامان قالغانلىرىدىن بىر قىسىمى بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قالغان، يەنە 3 نەپىرى بولسا، بىر موتسېكىلىتنى بۇلاپ ئېلىپ، موتسىكلىت بىلەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ساقچىخانىنىڭ ئارخىپ بۆلۈمى ۋە ياتاقخانىسىغا ئوت قويغان. ساقچىلار ئۇلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

خەۋەردە ساقچى ۋە كادىرلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمچىلاردىن 6 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، 8 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا تۇتۇلغان، 11 نەپىرىنىڭ بولسا، ئۈرۈمچى، بايىنغۇلىن قاتارلىق جايلاردا تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر، خىتاي ئاخباراتىدىكى بۈگۈنكى ئۇچۇرلار بولۇپ، بۇنىڭدا، خىتاي تەرەپتىن جەمئىي قانچىلىك ساقچىنىڭ ۋەقەگە قولغا سالغانلىقى، ۋەقەدە ئەڭ باشتا كىمنىڭ كىمگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نامى، پروگراممىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار يەنىلا تىلغا ئېلىنمىغان. بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ سوئاللىرىمىزغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى.

سوئال: سىزچە خىتاي تەپسىلىي مەلۇمات سۈپىتىدە بەرگەن يۇقىرقى مەلۇماتلار، ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا توغرىلىق ئېھتىماللىق قانچىلىك؟ يەنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگىمۇ؟

جاۋاب: مەلۇماتلارغا ئومۇمى نۇقتىدىن قارىغاندا مارالبېشىدا بىر قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق؛. ئەمما خەۋەردىكى مەلۇماتلاردا تېپىلىدىغان جاۋابتىن تۇغۇلىدىغان سوئال كۆپ.

سوئال: مەسىلەن، سىزدە گۇمان پەيدا قىلغان نۇقتىلار قايسى؟

جاۋاب: بىرىنچىسى ۋەقەدە كېلىپ چىققان زىيان بىلەن، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قوللانغان قورالنىڭ كۈچى ئوتتۇرىسىدا بىر ماسلىق يوق. بىرقانچە دانە قىلىچ ۋە بېنزىن بىلەن ساقچىلارمۇ ئىچىدە 15 كىشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى مېنىڭ ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، بىنا خېلى چوڭلا بىنا، ئوتتا كۆيىشىمۇ ئاسان ئەمەس، سولانغۇچىلارنىڭ قېچىپ چىقىپ كېتىش ئىمكانىمۇ باردەك قىلىدۇ.

سوئال: سىزچە ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەردە چوقۇم بىلدۈرۈلىشى كېرەك بولغان نۇقتا قايسىلار ئىدى؟

جاۋاب: ئۆينىڭ ئىچىدە توقۇنۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يەنى ئوق چىقىرىش ۋە خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى چوقۇم بىلدۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر بۇنداق بىر زور ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ۋەقە نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى؟ ۋەقە سادىر بولۇشىغا جەمىيەتتىكى قانداق مەسىلىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتىدىكى قانداق ئىشلار سەۋەپ بولدى، بۇ نۇقتا ئايدىڭلىشىش كېرەك ئىدى. خەۋەردە دېيىلگەندەك، بىر گۇرۇھ كىشىلەر جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ خىتاينىڭ قوراللىق ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئۇ كىشىلەرنى مۇشۇ خىل ھەرىكەتكە مەجبۇرلىغان چوقۇم بىر رېئال سەۋەبلەر بولىدۇ؛ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايان يوق؛ بېرىلگەن مەلۇماتلار پەقەت ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرگە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن جېدەلگە سېلىش ئۈچۈن تەييارلانغاندەك كۆرۈندى.

سوئال: ئۇنداقتا، ۋەقەنى پۈتۈنلەي ئويدۇرما، خەۋەردىكى پاكىتلارنى پۈتۈنلەي توقۇلما دەپ قارامسىز ۋە ياكى؟

جاۋاب : ئۇنداق ئەمەس، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلسا بۇ خىل توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار؛ مەن ھەتتا خەلقىمىز ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قاخشاتقۇچ بىر زەربە بېرىشنى كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغان، پلانلايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بارلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭ دەۋاتقىنىم، خىتاي ھۆكۈمىتى سېرىقبۇيىدىكى ۋەقەدە مۇھىم بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يوشۇرىۋاتىدۇ.

سوئال: يەنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا قانۇنيلىقتىن ھالقىغان بىر ئىش - ھەرىكەتلىرى بولۇشى مۇمكىن دېمەكچىمۇ؟

جاۋاب: دەل شۇنداق. بۇ يەردە خەلقارا جامائەت قوبۇل قىلالمايدىغان بىر تەدبىرلەر قوللانغان بولۇشى مۇمكىن. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ساقچىلارنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر يولسىزلىق قىلغان، ۋە شىددەتنىڭ زورىيىپ كېتىشىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغان بىر ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا خەۋەردىكى تەپسىلاتلار بىر - بىرىگە ماس ۋە ئۇيغۇن ئەمەس. دەسلەپكى خەلقارا خەۋەرلەردە تارقالغان، بىر ئايالنىڭ يۈزىدىكى پەرەنجىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن جوتو بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق پاكىتلار مېنىڭ بۇ گۇمانىمنىڭ يەنە بىر ئاساسى.

سوئال: خەۋەرنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى ھەققىدە ئاخىرىدا دەيدىغىنىڭىز؟

جاۋاب: مەنتىق بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقە ھەققىدە توغرا مەلۇماتنى كۈتۈشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى يەنە بىر تەرەپ. شۇڭا بۇ ۋەقە ھەققىدە ۋەقەگە تەرەپسىز مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارايمەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار يۇقىرىدا، 4 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن تەپسىلىي مەلۇمات ۋە ئۇنىڭغا قارىتا سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.