ماۋ زېدۇڭنىڭ 45 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.06
maw-zedung-305.jpg تيەنەنمەن مەيدانىغا ئېسىپ قويۇلغان ماۋ زېدۇڭ چوڭ سۈرىتى. 1989-يىلى 23-ماي، بېيجىڭ
AFP


3 - ئاۋغۇست «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىسى» ناملىق ماقالىدە، ماۋ زېدۇڭنىڭ 45 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئىليا سومىن تەرىپىدىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا 3 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىسى» ناملىق بۇ ماقالە، 2010 - يىلى نەشر قىلىنغان «ماۋنىڭ ئاچارچىلىقى» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان.

ئىليا سومىن ئامېرىكا جورجى ماسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. «دېموكراتىيە ۋە سىياسىي جاھالەت» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى. قانۇنشۇناس.

1958 - يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماۋ زېدۇڭنىڭ باشچىلىقىدا ئۈچ قىزىل بايراق چاقىرىقى ئاستىدا خەلق ئىگىلىكىدە كوممۇناشتۇرۇش، سانائەتتە پولات - تۆمۈر تاۋلاپ، 3 يىل ئىچىدە ئەنگلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەت «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» شوئارى بىلەن پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تاغ - داۋانلاردا رۇدا تاۋلاش مەجبۇرىي ئەمگىكىنى باشلىغان. ئاچارچىلىق دەۋرىدە باشلانغان بۇ ھاشار سەۋەبىدىن بىر قانچە يىل ئىچىدە ھېسابسىز كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىليا سومىننىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قاتىل كىم؟» دېگەن سوئال بىلەن باشلىنىدۇ ھەمدە شۇنداق داۋام قىلىدۇ: «مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ‹دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قاتىل كىم؟› دېگەن سوئالغا بېرىدىغان جاۋابى، ناتسىستلار قەتلىئامىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ئادولف گىتلېر دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىكتاتورى يوسېف ستالىن دەپ قارايدۇ. بۇ قاتىللار دەرۋەقە، ئۆز ئىدارىسى ئاستىدىكى كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن، گىتلېرغا ئوخشاش، تېررورنىڭ بىر تۈرى بولغان ئاچارچىلىق قىرغىنچىلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بىراق، ماۋ زېدۇڭ گىتلېر ۋە ستالىن ئىككىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە يولغا قويغان ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› سىياسىتى 45 مىليون ئىنساننى ھاياتىدىن ئايرىغان. بۇ، تارىختىن بۇيانقى قىرغىنچىلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ.»

ئىليا سومىن «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىسى» ناملىق ماقالىسىدە، «ماۋنىڭ ئاچارچىلىقى» ناملىق كىتابتا بايان قىلىنغان ماۋ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ماۋنىڭ كوپىراتسىيە قۇرۇش، ھەممىنى كوللېكتىپنىڭ قىلىش، ئىشتىن مۈلۈككىچە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك خاتا يولدا مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە مىليونلىغان ئىنساننى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مىسال ئۈچۈن، ئاشلىق ئوغرىلىغان بىر ياشنى، ئۇنىڭ ئۆز دادىسىغا تىرىك كۆمدۈرگەنلىكى، ئارقىدىن دادىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، تۆۋەندە يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغانلىقى، تاش ئېسىپ جازالىغانلىقى قاتارلىق يېزا - كەنتلەردىكى ئۆز - ئارا رەھىمسىز ئۆلتۈرۈشلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ دەۋر، شەخسكە چوقۇنۇش، ماۋ زېدۇڭنى ئىلاھلاشتۇرۇش باش كۆتۈرگەن بىر مەزگىل بولۇپ، گېرمانىيە ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى يېقىندا ئېلان قىلغان «چوڭ دېكتاتور ماۋ زېدۇڭ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» كە ئۇلاپلا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى قوزغاپ، يەنە مىليونلارچە ئىنساننى ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. فىلىمدا خىتاي خەلقىنىڭ ھەتتا ئاش - نان، سۇ، ھاۋانىمۇ ماۋ زېدۇڭسىز مەۋجۇت بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان دەرىجىدە ماڭقۇرتلاشقانلىقىنى، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تە جېنىدىن ئايرىلغان مىليونلىغان ئىنسانىڭ قاتىلىنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چوقۇنغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

ئاپتور ئىليا سومىننىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» نىڭ دەردىنى يالغۇز خىتاي خەلقى تارتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتكە ئوخشاش خىتاي رىجىمى ئاستىدىكى مىللەتلەرمۇ يەتكۈچە تارتقان. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «داشقازان سىياسىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان ئۇ دەۋرلەر، ئۇيغۇر ئىلىدا «پومىشچىك، باي دېھقانلارنى يوقىتىش»، «يەرلىك مىللەتچىلەرنى يوقىتىش»، «سىنىپىي كۈرەش» دەپ ئاتالغان تەتۈر قۇيۇنلارنىڭ ئاخىرى تېخى بېسىقمىغان زامانلار بولۇپ، بۇ قاراشنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرىدە، پەقەتلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدىلا ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئىليا سومىننىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بىز باي ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلىشقا تېرىشقان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزنى ئۇلىيالمىدۇق.

باش شتابى گېرمانىيەدىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ماۋ زېدۇڭنى گىتلېر ۋە ستالىنغا سېلىشتۇرۇش چوڭ خاتالىق بولىدۇ.»

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەتبۇئاتلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› زامانىدا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانىلا 38 مىليونغا يېتىدۇ. گىتلېرنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئېلىپ بارغان قەتلىئامى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى. ئۇ ئاساسەن يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرگەن. بىراق، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئېلىپ بارغىنى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ھەم ئومۇمىي قەتلىئام. ئۇ قانچە ئون مىليونلىغان خىتاي خەلقىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىمۇ ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى، يەرلىك مىلەتلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپى - ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلدى.»

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتايدا قانچە مىليونلىغان ئىنسان ئۆلگەن «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرى ئاخىرلىشىپلا، 1966 - يىلى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغان. بۇ ھەرىكەت يەنە بىر قېتىم خىتاي خەلقىنى ئاپەتكە ئۇچرىتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرگە گىرىپتار قىلغان.

«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە 10 يىل داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى ئەپەندى، بۇ، تارىختا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە ئېغىر تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ھەمدە بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىراق، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا يەنە قانچىلىك ئىنساننىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم. «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تە ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ سانىلا دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇشقا يېتىدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا كۆرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدە پىكىر قىلىشنىمۇ چەكلىمەكتە.

ئىليا سومىن «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىسى» ناملىق ماقالىسىدە، فرانك دىكۆتتىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە خىتايدا 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى زامانىدا 45 مىليون خەلقنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك غايەت زور پاجىئەنىڭ 50 يىلدىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە ئاشكارىلىنىشىغا ۋەسىلە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشكە، پىكىر بايان قىلىشقا، ماقالە ئېلان قىلىشقا، مۇنازىرە قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، كومپارتىيەنىڭ ئۆز تارىخىدا ئۆتكۈزگەن بۇ جىنايەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچىدىغانلىقىنى، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» نىڭ شاھىدلىرىنىڭ ھېلىمۇ ھاياتلىقىنى، كومپارتىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇ ئىنسانلارغا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنىمۇ ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەنە كۇبا ۋە ۋېنسۇئىلادىكى كوممۇنىستىك رېجىملار ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ.

ئىليا سومىن يەنە، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت 45 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ئاچچىق تارىخنى ئەسلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەبنىڭ «سوتسىيالىستىك رېجىمدىكى دۆلەتلەردە بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشتىن ئىبارەت» ئىكەنلىكىنى شەرھىلەيدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا باسقان ئىزىنى بويلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىليا سومىن بۇ ماقالىسىگە مەنبە قىلغان «ماۋنىڭ ئاچارچىلىقى» ناملىق كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورى فرانك دىكۆتتىر ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ 2012 - يىلى ئېلان قىلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەسىرى بىلەن زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ يەنە ستالىننىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا دائىر ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ستالىننىڭ 1930 - يىللاردا قىرىم تاتارلىرى ۋە ئۇكرائىنالار ئۈستىدىن باستۇرۇش يۈرگۈزگەنلىكىنى، تەخمىنەن 6 مىليون بىلەن 10 مىليون ئارىسىدىكى ئىنساننىڭ بۇ قەتلىئاملاردا جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى بايان قىلغان. فرانك دىكۆتتىر يەنە، گىتلېر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرغىن قىلغان يەھۇدىيلار سانىنىڭ 6 مىليون ئىكەنلىكىنى، ماۋ زېدۇڭ ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىنىڭ گىتلېر ۋە ستالىن ئۆلتۈرگەن ئومۇمىي ئادەم سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

فرانكى دىكۆتتىر گوللاندىيەلىك تارىخچى ۋە خىتايشۇناس. ئۇ 1961 - يىلى تۇغۇلغان. جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخشۇناسلىق ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. خىتايدا ئىككى يىل ياشىغان. ئۇ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1990 - يىلى دوكتورلۇق، 2002 - يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ھازىر خوڭكوڭدا ياشاۋاتقان بولۇپ، لوندون ۋە خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

https://www.washingtonpost.com/news/volokh-conspiracy/wp/2016/08/03/giving-historys-greatest-mass-murderer-his-due/
http://volokh.com/2010/11/23/did-joseph-stalin-commit-genocide/
http://dokumonster.de/sehen/254-die-groessten-diktatoren-mao-zedong-zdf-doku/

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.